نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 566 قېتىم كۈرۈلدى
كەيتىنىڭ يالىڭاچ رەسىمىنى ژۇرنالغا باسقان تەھرىر ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -26
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى» نىڭ 24-سىنتەبر خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە «غەيۋەتچى» ژۇرناللىرىنىڭ بىرى بولغان «Closer» شۇ كۈنى مۇنداق دېگەن: باش تەھرىر لاۋرېنسې پىئو ئەنگىلىيە خانىشى كەيتنىڭ يېرىم يالىڭاچ رەسىمىنى ژۇرنالغا باسقانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان.
«Closer» مۇنداق دېگەن: «بىز 300 پارچىدىن ئارتۇق ھاقارەت سۆزلىرى بولغان پوچتا يوللانمىلىرىنى تاپشۇرۋالدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە تېخى ئۆلۈم تەھدىتىمۇ بار.» بۇنىڭ ئىچىدە پىئوغا يېزىلغان 14 پارچە يوللانمىدا زوراۋانلىق مەزمۇنىدىكى 14 پارچە يوللانما پىئوغا يېزىلغان بولۇپ، بىر پارچىسىدا ھەتتا قەسەم ئىچىپ «ساڭا مەڭگۈ خاتىرجەم كۈن نېسىپ بولمايدۇ» دېگەن، بۇ يوللانمىلار ساقچى تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
بۇ يېرىم يالىڭاچ رەسىملەر ژۇرنالغا بېسىلغاندىن كېيىن، پىئو چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ رەسىملەردە قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ ھوزۇرلىنىۋاتقان بىر يېرىم يالىڭاچ ئايال نامايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ سىز كۆرگەن كۈرمىڭلىغان خانىملارغا ئوخشاش.»
ئىگىلىنىشىچە، كەيتنىڭ يېرىم يالىڭاچ رەسىملىرى 5-چېسىلا فرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى شەخسىي قەلئەسىدە تارتىۋىلىنغان. «Closer» 14-سىنتەبر بىرىنچى بولۇپ بۇ رەسىملەرنى ژۇرنالغا باسقان، ۋىليام ئەر-ئايال بۇ ئىش سەۋەبلىك، سوتقا ئەرز سۇنغان. فرانسىيىدىكى بىر سوت 18-سىنتەبر، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 24 سائەت ئىچىدە بارلىق شەكىلدىكى مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئوردىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن شۇنداقلا بۇ رەسىملەرنى قايتا تارقىتىشنى شۇنداقلا ھەر قانداق ئۇسۇلدا بۇ رەسىملەرنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش