نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 220 قېتىم كۈرۈلدى
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە KTVغا بېرىشى چەكلەندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -26
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

تاۋۇز چاغىنى بايرىمى بىلەن دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا،مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مول-مەزموللۇق پائالىيەتلىرى بىلەن بۇ قوش بايرامنى خۇشاللىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ،مەكتەپلەردىمۇ بۇنداق كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىنىڭ مەشىقلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.9-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى جياڭچىڭ ئىنستىتۇتى مۇنداق بىر «چەكلەش»نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ:«مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە كېچىلىك بەزمىخانا ۋە ناخشا ئېيتىش ئۆيلىرىگە بېرىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ئەگەر بىرەر ئوقۇتقۇچى بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا چوقۇم قاتتىق تەنقىدلىنىدۇ ھەم ئېغىر بولسا خىزمەتتىن ھەيدىلىدۇ.»
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە،نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرىمىز،ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا سوۋغاتلارنى بېرىپ ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرۈنۈشىگە ئېرىشىمىز دەپ مانا مۇشۇنداق ناخشا ئېيتىش ئۆيلىرىنى سائەتلىك كۆتۈرىگە ئېلىپ،ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ كۆڭۈل ئاچىدىكەن.نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى 85-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار بولغاچقا،ئادەتتىكى خىزمەت ۋاقتىدىن سىرت ۋاقىتلاردا ناخشا ئېيتىش،قاۋاقخانا ۋە كېچىلىك بەزمىخانىلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.
بۇ مەكتەپنىڭ بۇ «چەكلەش ئۇقتۇرۇشى»نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.بىراق يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قارشى چىققان.مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ليۇ فامىلىلىك ئوقۇغۇچى ئاللىقاچان ناخشا ئېيتىش ئۆيلىرىنى تەييارلاپ بولغان بولۇپ،ئۆز كۆڭلىدە بايرام مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچىسى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن تازا بىر چاڭ ئويناش خىياللىرىنى قىلغان ئىدى.بىراق مەكتەپنىڭ تۇيۇقسىز چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇشى ئۇنىڭ خىياللىرىنى يوققا چىقارغان ئىدى.ئۇنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە،بۇنداق ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ناخشا ئېيتىش،ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بولۇپ ھەرگىزمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىككە كىرمەيدىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش