نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 525 قېتىم كۈرۈلدى
چېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.5 مېتىر كېلىدىغان 24 ياشلىق قىز
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-09 -25
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.c

 

Www.AnAdiyar.Cn

2.5 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇزۇن چاچنى سىز كۆرۇپ باققانمۇ؟ جۇجۇدا مۇشۇنداق بىر قىز بار، ئۇنىڭ بويىنىڭ ئىگىزلىكى 1.65 مېتىر، چېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.5 مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى فىڭ خۇا بولۇپ، بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن، ئۇ لۇيسۇڭ شەھىرىدىكى بىر كىيىم-كېچەك دۇكىنىدا ئىشلەيدۇ. ئەگەر ئالاھىدە سەۋەپ بولمىسا ئۇ چېچىنى ھەمىشە بېشىغا تۈگىۋالىدۇ، بۇ ھال كىشلەرگە بانتىلىۋالغان چاچ تۈگۈنى چوڭ ئىكەن دېگەن تۇيغۇنى بېرىدۇ. ئەمما ئۇ چېچىنى قويۇپ بېرىدىغان بولسا شۇ ھامان كىشلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ.
فىڭ خۇا قاپ-قارا بۇ چاچلىرىنى توپ-توغرا 15 يىل ئۆستۈرگەن بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ چېچىنى ئوغۇل بالىلارنىڭكىدەك قىسقا قىلىپ ياسىتىپ قوياتتى،چۈنكى ئۇنىڭ چېچى تېكەندەك قاتتىق بولۇپ، ئازراق ئۆسۈپ كەتسىلا قولغا سانجىلاتتى.
تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتتا ئۇنىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.7 مېتىرغا يەتكەن، بەزىلەر ئۇنىڭ چېچىنى ئۈچ مىڭ يۈەنگە سېتىۋالماقچىمۇ بولغان. چۈنكى قارشى تەرەپ قويغان باھا بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى ئويلىغان باھادا پەرق بولغانلىقتىن فىڭ خۇانىڭ چېچى سېتىلمىغان.
فىڭ خۇا مۇنداق دەيدۇ:چېچىمنى كېسىۋېتىش ئىشىنى مەن نۇرغۇن يىل ئويلىغان بولساممۇ لېكىن كېسىۋېتىشكە پەقەت كۆزۈم قىيمىدى. ھازىر فىڭ خۇانىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.5 مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن ئوغۇل بالىلار يەنە ئۇنىڭ ئاشۇ چېچىنى دەپ ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قويغان.
فىڭ خۇانىڭ ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك دۇكىنىنى ئېچىشتىن سىرىت يەنە باشقا بىر خىزمىتى يەنى ئۇزۇن چاچ مودىلىدىن ئىبارەت خىزمىتىمۇ بار. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدىكى ئاشۇ قېتىملىق چېچىنى سېتىش ئىشى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشلەر ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ چېچىنى سېتىۋالماقچى بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ئۇزۇن چاچلىقلار تورىنىڭ خىزمەتچى خادىمى فىڭ خۇا بىلەن تاساددىبىي ئۇچرىشىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن فىڭ خۇا جۇڭگو ئۇزۇن چاچلىقلار تورىنىڭ قوشۇمچە مودىلىغا ئايلانغان.
ئۇنىڭ ئاپىسى مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۇ قوشۇمچە مودىللىق قىلىپ نەچچە تۈمەن يۈەن پۇل تاپتى، بۇ يىل كىيىم-كېچەك دۇكىنىدا ئالدىراش بولۇپ قالغانلىقتىن ئىلان ئىشلەشكە ئىزچىل ۋاقىت چىقىرالمىدى.
2.5 مېتىرلىق چاچنى باشقۇرۇپ يۈرۈش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇ چېچىنى بىر قېتىم يۇيۇش ئۈچۈنلا 40 نەچچە مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىدۇ، چاچنى قۇرۇتۇش ئۈچۈنمۇ يېرىم كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى بۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىت نەچچە سائەتكە بارىدۇ. فىڭ خۇانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ چاچ قۇرغۇتۇش ماشىنىسىنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش