نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1116 قېتىم كۈرۈلدى
پاكىستان بىن.لادېن ئۆلۈشتىن بۇرۇن يوشۇرۇنغان تۇرالغۇ جايىنى چېقىشقا باشلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-02 -26
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : جۇڭگو ئاخبارات تورى

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

جۇڭگو ئاخبارات تورى،26-فېۋرال تېلىگىراممىسى:

ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،پاكىستان ھۆكۈمىتى 25-فېۋرال ئاببوتابات شەھەرىگە جايلاشقان <بازا> تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن.لادېن ئۆلۈشتىن بۇرۇن يوشۇرۇنغان تۇرالغۇ جاينى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن چېقىشقا باشلىغان.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە،يەرلىك ھۆكۈمەت ئالدى بىلەن بۇ ئۈچ قەۋەتلىك قۇرۇلۇشنىڭ سىرتىدىكى ئېگىز ھويلا تېمىنى ئۆرگەن،ھەمدە كەچتىمۇ داۋاملىق خىزمەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، كۆزىتىش چىرىقى ئورۇناتقان.

ساقچى تەرەپ نەق مەيدان ئەتراپىغا ئېھتىيات سىزىقى تارتىپ،مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ تاماشا كۆرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

پاكىستان تەرەپ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ چېقىلىشى توغرىسىدا كونكرېت چۈشەنچە بەرمىگەن.بىراق،بەزى پاكىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە،بۇ جايغا باغچا سېلىنماقچى ئىكەن.

 

بۇلتۇر 5-ئايدا،ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىمى بۇ قۇرۇلۇشقا قارىتا  40 مىنۇت ئەتراپىدا ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ،بىن.لادېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن،ئاندىن بىن.لادېننىڭ جەسىتى ۋە زور تۈركۈمدىكى ئاخباراتلارنى ئېلىپ بۇ يەردىن ئايرىلغان.

ئىگىلىنىشىچە،بىن.لادېن بۇ يەردە 5 يىلغا يېقىن ۋاقىت يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئىكەن.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش