ilan
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 87 قېتىم كۈرۈلدى
ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى پروگراممىدا ھىندىستانلىقلارنىڭ تازىلىقى ياخشى ئەمەس دەپ قويۇپ بالاغ ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -02
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»ۋە ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»خەۋىرى، ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى(BBC)نىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى Jeremy Clarksonيېقىندا پىروگراممىدا ھىندىستانلىقلارنىڭ شەخسىي تازىلىقى ناچار دېگەنلىكى ئۈچۈن تەنقىدگە ئۇچرىدى ھەمدە ئىرقىي كەمسىتىش خاھىشى بار دەپ قارالدى.
2011-يىلى12-ئاينىڭ28-كۈنىدىكى قويۇلغان تەنتەربىيە پروگراممىسى «Top Gear»تا، Jeremy Clarksonئىچىدە تەرەت تۇڭى بار ئامېرىكا قىتئەسى يولۋىسى ماركىلىق ماشىنىنى ھەيدەپ ھىندىستاننىڭ نامرات گەمە ئۆيى ئالدىدىن ئۆتىدۇ، ھەم تەرەت تۇڭى بار ماشىنا مېنىڭچە ھىندىستانلىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق دەيدۇ، بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ھىندىستانلىقلارنىڭ شەخسىي تازىلىقىنىڭ ناچارلىقىنى كەمسىتىش پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
Jeremy Clarksonنىڭ بۇ سۆزى ھىندىستانلىقلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ، (BBC)نىڭ بىر باياناتچىسى، ئۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر Jeremy Clarksonنىڭ ھىندىستان خەلقىنىڭ چىشىغا تەگكەنلىك توغرىسىدىكى 23پارچە ئەرزنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ، نۇرغۇن تاماشىبىن يەنە تېخى ئىجتىمائىي تور بەتلەر ئارقىلىق «Top Gear»پىروگراممىسىدىكى كىشىنىڭ چىشىغا تېگىدىغان گەپكە قارىتا نازازىلىق بىلدۈرىدۇ.

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776