نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 555 قېتىم كۈرۈلدى
ھەپتىنىڭ 5-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى %0.23 تۆۋەنلىگەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -02
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ھەپتىنىڭ 5-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى %0.23 تۆۋەنلىگەن
تېڭشۈن ئىقتىساد خەۋىرى،بېيجىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈن ئەتىگەن خەۋىرى،ھەپتىنىڭ 5-كۈنى،دوللار كۆرسەتكۈچىدە %0.23 تۆۋەنلەش ئەھۋالى بايقالغان،ئەمما دوللارنىڭ ياپونىيە يىنىدىن باشقا نۇرغۇن ئاساسى فوندلار بىلەن بولغان پېرېۋوت ئەھۋالىدا ئۆرلەش ئەھۋالى بولغان،دوللار كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئىككى يىل يۇقىرى نۇقتىدا يىغىۋېلىنغان.
نيۇيورۇك تاشقى پېرېۋوت بازىرى ئېچىلغۇچە،ئالتە خىل ئاساسلىق پۇل فوندىنىڭ دوللارغا بولغان كۆرسەتكۈچى 80.24 نۇقتا دەپ مەلۇم قىلىنغان،ۋە %0.23 تۆۋەنلەپ كەتكەن.2011-يىلى يىللىق ئۆلچەم بۇيىچە ئۆرلەش نىسبىتى %1.6 بولغان،مەزكۇر سانلىق نىسبەت 2010-يىلى يەنىلا %1.5 ئىكەنتۇق.ياۋرۇنىڭ دوللارغا بولغان ئالماشتۇرۇش نىسبىتى %0.11 تۆۋەنلەپ كەتكەن،ھەمدە 1.2945 دوللار دەپ مەلۇم قىلىنغان،بۇ بولسا ياۋرۇنىڭ دوللارغا ئالماشقاندىكى 15-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى ئىكەن.
ئالماشتۇرۇش سودىگىرى GFT نىڭ كۆرسىتىشىچە،بۇ يىل مەبلەغ سالغۇچىلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېخنىكا قوللاش سەۋىيىسىگە دىققەت قىلىپتۇ،ۋە تاشقى بازارنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ياردىمى بولۇپتۇ.ياۋرۇنىڭ شۇ كۈنلۈك ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى ناھايىتى تۆۋەن بولغان ئەھۋال ھالىتىدە ساقلانغان بولسىمۇ،پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان دوكلات ياۋرۇ رايونى ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىش مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قاپتۇ.پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتنى ئېتىراپ قىلىشىچە،2011-يىلىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قىزىل رەقەمنى مۆلچەرلەش سەۋىيىسى ئەسلىدىكى مۆلچىرى قىممەتتىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.پورتۇگالىيىنىڭ ئاساسى ئۆلچەملىك دۆلەت قەرز نىسبىتى ئاستا-ئاستا ئۆرلەشكە باشلىغان.
بۇ يىلدىن بۇيان،ياۋرۇنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتىدە ئاللىقاچان %3.4 لىك تۆۋەنلەش ئەھۋالى يۈز بەرگەن.ھەمدە ئۈزلۈكسىز ئىككىنچى قېتىم بۇ يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن قىممەت بولغان.ياۋرۇنىڭ دوللارغا ئالمىشىش پېرېۋوت نىسبىتى 2011-يىلى 5-ئايدىن بۇيان 1.49 دوللارلىق سەۋىيىدە توختاپ قالغان،ئاشۇ ۋاتىدا بازارنىڭ ياۋرۇ رايونى ئاساسى كرىزىسىگە بولغان كونتروللۇق ئەھۋالىدىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان ئەھۋال كۆرۈلگەن.ياۋروپا باشلىقلىرىنىڭ ئىككى يىل داۋاملاشقان ياۋروپا قەرز كرىزىسىنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە تەسىر قىلىشىنى چەكلىيەلمەسلىكىگە ئەگىشىپ،شۇنىڭ بىلەن تەڭ پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىتالىيىگىمۇ قەرزنىڭ ئاساسى ئەھۋالى يامراپ كەتكەن،ياۋرۇنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ كەتكەن.ياۋرۇنىڭ ياپونىيە يىنىگە بولغان پېرېۋوت نىسبىتى ھەپتىنىڭ 5-كۈنى %1.02 تۆۋەنلەپ كەتكەن،ۋە 99.5750 ياپونىيە يىنى دەپ مەلۇم قىلىنغان،بۇ يەنە 10 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھا سەۋىيىسى ئىكەن.
FXCM تەتقىقات ئورنىنىڭ DAILY تېخنىكا ئۇستىسى جوىلنىڭ قارىشىچە،2012-يىلىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،دوللارنىڭ ئاساسلىق فوندلارغا ۋە ئاساسى بولمىغان فوندلاردا ئالمىشىش ئەھۋالىدا كىچىك كۆلەمدە ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن،مەيلى مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ياكى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،دوللار بولسا 2012-يىلدىكى ئەڭ ئاساسلىق دىققەت تارتىدىغان پۇل فوندىغا ئايلىنىپ قالغان.ئۇنىڭ شۇنىڭ بىلەن تەڭ پەرەز قىلىشىچە،ياۋرۇنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى كەلگۈسىدىكى بىر نەچچە ئايدا تۆۋەنلەپ 1.20 دوللارلىق سەۋىيىگە چۈشۈپ قالىدىكەن.
يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئۇنىۋېرسال تاۋارلار باھاسىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىدە،بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىل مەزگىلدە ئۆرلىگەن ئاۋسترالىيە پۇلىنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى ئۆرلەپ %0.82 بولغان،ۋە 1.0220 دوللار دەپ مەلۇم قىلىنغان؛بانكىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەزگىلى بىلەن،ئۇنىۋېرسال تاۋارلارنىڭ باھاسى كېيىنكى يېرىم يىلدا تۆۋەنلەپ كەتكەن،ئاۋسترالىيە پۇلىنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا تارايغان،ئەڭ ئاخىرى 2011-يىلدىن بۇيان ئاساسەن مۇقىم بولغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش