نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> فىلىم خەۋەرلىرى >> يازما كۈرۈش >> 144 قېتىم كۈرۈلدى
شىۋاشىڭگىر ئۆز سەتچىلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -01
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.c

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

شىنخۇا تورىنىڭ 29-سىنتەبىر لوس-ئانژىلىستىن يوللىغان تېلگىراممىسى:
2011-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شىۋاشىڭگىر نەشىر قىلىنىش ئالدىدىكى تەرجىمىھالىدا ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى بىر ئايال خىزمەتكارى بىلەن بىنۇرمال مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان . ھەمدە بۇ ئايال خىزمەتكارىدىن بىر ئوغۇلىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. يەنە تېخى ئايالى مارىيا بىلەن مۇھابەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ بىر ئايال ئارتىس بىلەن ئارلىشىپ يۈرگەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
تاراتقۇلارنىڭ 29-سىنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، شىۋاشىڭگىر قېلىنلىقى 924 بەت كېلىدىغان ئەسلىمە خاتىرىسى «پۈتۈن ئەسلىمىلىرىم: ئىشەنگۈم كەلمەيدىغان ھەقىقىي كىشىلىك تۇرمۇش ھېكايەم» دىگەن خاتىرىسىدە ئېيتىشىچە، 1985-يىلى ئۇ دانىيەلىك بىر ئايال ئارتىس بىرگىتى.نېلسىن بىلەن «ئايال شاھنىڭ سېھىرلىك قېلىچى» ناملىق ھەركەتلىك فىلىمدە بىللە رول ئالغان ۋاقىتتا بىر مەزگىل ئارلىشىپ ئۆتكەن ئىكەن. بۇ ۋاقىت ئۇ دەل ئايالى مارىيا بىلەن مۇھابەتلىشىۋاتقان، ھەتتا مارىيا بىلەن بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ۋاقىتلىرى ئىكەن. شىۋاشىڭگىر گەرچە بۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلىمىگەن بولسىمۇ لېكىن، ئۆزىنىڭ نېلسىن بىلەن ئارلىشىش ئارقىلىق مارىياغا تېخىمۇ سادىق بولۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى، ئۇنى ئەمرىگە ئېلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ شىۋاشىڭگىرنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ كەچۈرمىشىنى ئېتىراپ قىلىشى. ئۆتكەن يىلى نېلسىن ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىدا شىۋاشىڭگىر بىلەن بىر مەزگىل ئارلىشىپ ئۆتكەنلىكىنى، بىراق ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ شىۋاشىڭگىرنىڭ مارىيا بىلەن ئارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۆ ۋاقتىدا بۇ خەۋەر پۈتۈن ئاخبارات ساھەسىنى زىلزىلگە كەلتۈرۋەتكەن. بىراق شىۋاشىڭگىر بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى.
نېلسىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش قېتىم توي قىلغان. ئۇ شىۋاشىڭگىردىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، 1985-يىلنىڭ ئاخىرىدا شىۋاشىڭگىرنىڭ يېقىن دوستى، ھوللىۋوتنىڭ داڭلىق ھەركەتلىك فىلىم چولپىنى سىتەللون بىلەن (يەنى رامبو بىلەن) توي قىلغان. بىراق ئۇنىڭ بىلەن ئارانلا 19 ئاي ئۆي تۇتۇپ ئاجىرىشىپ كەتكەن.
شىۋاشىڭگىر بۇ تەرجىمھالىدا ئۆزىنىڭ ھوللىۋوتنىڭ داڭلىق چولپىنىغا ئايلىنىش جەريانىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن كالفورنىيە شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى بولۇش جەريانلىرىنى تۇنۇشتۇرغان. شىۋاشىڭگىرنىڭ بۇ كىتابى ئامېرىكىدىكى داڭلىق نەشىرىيات سىمون سىكوستىر بىرلەشمە نەشىرىياتى تەرىپىدىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشىردىن چىقىدىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش