نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 109 قېتىم كۈرۈلدى
قىز دوستىنىڭ توي خەۋىرىنى ئاڭلىغان يىگىت دەرياغا سەكرىۋالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -01
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

چۇڭچىڭ سودا گېزىتى مۇخبىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ۋەنجۇلۇق بىر يىگىت قىز دوستىنىڭ باشقىلار بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن،ئازابقا چىدىماي ئۆلۈۋالماقچى بولغان،كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن ۋاقتىدا بايقىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە،بۇ يىگىتنىڭ فامىلىسى لى بولۇپ نەچچە كۈن ئىلگىرى باشقا شەھەردىكى سودىسىنى تاشلاپ ،بايراملىق دەم ئېلىش ئۈچۈن يۇرتى ۋەنجۇغا قايتىپ كەلگەن،بىراق يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ تۇنجى بولۇپ ئاڭلىغان خەۋىرى ئۇنىڭغا ئالەمچە ئازاب ئېلىپ كەلگەن.ئۇنىڭ نەچچە يىللىق قىز دوستى باشقىلار بىلەن توي قىلىپ بولغان بولۇپ،قىز دوستنىڭ ئۆزىگە يۈزسىزلىك قىلىشىدىن ئازابلانغان بۇ يىگىت ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىغان.شۇنىڭ بىلەن 9-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە ۋەنجۇدىكى نەنبىڭ دەرياسى بويىدا دوستى بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەن.ئۇلار خېلى ۋاقىتلارغىچە ھاراق ئىچىپ ئىچ-پۇشىقىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن دوستى قايتىپ كەتكەن،بۇ لى فامىلىلىك يىگىت قىز دوستىنىڭ توي قىلىۋالغانلىقىنى قوبۇل قىلالماي دەرياغا سەكرىۋالغان.بەختكە يارىشا يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان بىر كىشى بۇ يىگىتنى ۋاقتىدا بايقاپ دېلو مەلۇم قىلغان.كېيىن قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى خادىملار نەق مەيدانغا كېلىپ بۇ يىگىتنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ھەم ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ نەسىھەت قىلغان.مەستلىكى يېشىلگەن بۇ لى فامىلىلىك يىگىت ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلگەن ھەم ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش