ilan
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 587 قېتىم كۈرۈلدى
ئاففانىستاندا 15 ياشلىق كېلىن ئىپپىتىنى سېتىشنى رەت قىلغانلىقتىن خورلاشقا ئۇچرىغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -02
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئاففانىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى باغلان ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپ يېقىندا ھاجەتخانىغا بەش ئاي سولاپ قويۇلغان بىر ئاففانىستانلىق قىزچاقنى قۇتۇلدۇرۋالغان.بۇ قىز توي قىلغاندىن كېيىن ئىپپىتىنى سېتىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ئۇرۇش ۋە سولاپ قويۇش قاتارلىق خورلاشلىرىغا ئۈچرىغان.
ئەنگىلىيە‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››تورىنىڭ 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،بۇ 15 ياشلىق قىزنىڭ ئىسمى سائالا گۇر بولۇپ،ئاففانىستاننىڭ شەرقى شىمالىي قىسمىدىكى باداقشاڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن.يېقىندا قوشنىلىرى ئۇنىڭ ئازابلىق ئېڭىرىغان ئاۋازى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ساقچىغا دېلۇ مەلۇم قىلغان،ئۇ شۇندىلا قۇتقۇزۇلۇپ چىقىلغان.ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۇردى:گۇر يەتتە ئاينىڭ ئالدىدا توي قىلغان بولۇپ،توي قىلغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلىرى ئۇنى ئىپپىتىنى سېتىشقا زورلىغان ئەمما ئۇ بۇنىڭغا ئۇنىمىغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېچىنىشلىق خورلۇققا ئۇچرىغان.ئۇنىڭ قىسمەن تىرناقلىرى ۋە چاچلىرى يۇلۇنغان يەنە يەر ئاستى ئۆيدىكى ھاجەتخانىغا سولاپ قويۇلغان،يېتەرلىك سۇ ۋە يېمەكلىككە ئېرىشەلمىگەن.

Www.AnAdiyar.Cn

ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ئۇنىڭ بەدىنىگە تاماكا ياققان،ئامبۇر بىلەن ئۇنى بەدىنىنى قىسقان.ئۇ قۇتقۇزۋېلىنغاندىن كېيىن يەنىلا تىرىشىپ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئچېىنشلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇققا ئۈچراشلىرىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئېيتقان.نۆۋەتتە گۇر كابولدىكى بىر خۇسۇسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.دوختۇرلار مۇنداق دېدى:ئەينى چاغدا گۇر دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن چاغدا ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەممىلا يېرى دېگۈدەك تارتۇق ۋە يارا بولۇپ كەتكەن ئىدى.گەرچە ئۇ قۇتقۇزۋېلىنغانغا 6 كۇن بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئىششىپ كەتكەن كۆز تېخى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىدى.ئۇ مەيلى جىسمانى جەھەتتىن بولسۇن ۋە مەيلى روھى جەھەتتىن بولسۇن ئېغىر زەربىگە ئۈچرىغان.قىسقا مۇددەتتە ئەسلىگە كېلىشى تەس.

Www.AnAdiyar.Cn

قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ساقچى ئەمەلدارى مۇھەممەد چىيا مۇنداق دېدى:گۇرنىڭ قېيىن ئاپىسى ۋە ھاممىسى قولغا ئېلىندى،ئەمما ئېرى ۋە قېيىناتىسى قېچىپ كەتتى،بىز ئۇنىڭ ئېرى ۋە باشقا دېلۇغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغلاپ تۇتۇپ،قانۇننىڭ تېگىشلىك جازاسىغا ئۈچرىتىمىز.ئالاقىدار مەسئۇل كىشلەر مۇنداق دېدى:بۇ ئاففانىستان ئاياللىرى ئۈچرىغان ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىق زوراۋانلىق دېلۇسى،جىنايەتچىلەر چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشى كېرەك.

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776