ilan
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 199 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا ئالەم ئىدارىسى ‹‹2012 ئاخىرىقى زامان نەزەرىيىسى›› ئاساسى يوق دېدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -02
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn


جۇڭگو رادىيو تورى بېيجىڭ 2-يانىۋار تېلېگراممىسى:خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا،بۇگۈن يەنى 2-يانىۋار،2012-يىلىنىڭ ئىككىنچى كۈنى ھېسابلىنىدۇ.بۇلتۇر بەزىلەر ئىقتىسادنىڭ سۇسلىشىشى،ياپۇنىيەدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش قاتارلىق ئامىللارنى ئاخىرىقى زاماننىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنىڭ بىشارىتى دەپ قاراشتى.ئۇنداقتا ئاخىرىقى زامان راستىنلا بىزگە تەدىرىجى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتامدۇ؟دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالەم ئورگىنى ئامېرىكا ئالەم ئىدارىسى يېقىندا ھۆكۈمەت تورىدا بىر تەپسىلى سوئال-جاۋاپ تەرىقىسىدىكى يازمىنى ئىلان قىلىپ،بۇ ھەققىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرگە مەخسۇس جاۋاپ بەردى.
2012-يىلىدىكى ئاخىرىقى زامان مايا بىشارىتىدىن كەلگەن.مىڭ يىلنىڭ ئالدىدا مايالىقلار دۇنيا ئاخىرىقى زامان كۈنىنى مۆلچەرلەپ چىققان.‹‹2012 ۋەھىي خاتىرىسى››نىڭ ئاپتۇرى لاۋلۇنسى يوبى ئىزدىنىش قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مايا رېۋايىتىنى تەپسىلى شەرھىلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:ئۇلار 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىرىقى زامان بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ،قۇياش ۋە بارلىق پىلانتىلاردىن تەشكىللەنگەن قۇياش سىستېمىسى شۇ كۈنى 26000 مىڭ يىللىق ئايلىنىش دەرۋىنى تاماملاپ،سامان يولى مەركىزىنى توسۇپ يۇقىرى ئۆرلەيدۇ.يېڭى دەۋىر شۇنىڭ بىلەن پەيدا بولىدۇ،ئەمما ھەرقانداق باشقىلارنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئوخشاش يېڭى دەۋىرنىڭ باشلىنىپ،كونا دەۋىرنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرىشى قان تۆكۇلۇش ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئامېرىكا ئالەم ئىدارىسىنىڭ ئالىملىرى يەنە بۇ ھېكايىنىمۇ تىلغا ئالدى،ئەمما ئۇلار مۇنداق دەپ قارىدى:خۇددىي ئۆيۇڭلاردىكى تامغا ئېسىلغان كالىندارنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن كېيىن توختاپ قالمىغىنىغا ئوخشاش مايا كالىندارىنىڭ قەدىمىمۇ توختاپ قالمايدۇ.
يەنە نۇرغۇن كشىلەر يەنە بىر بىشارەتكە ئىشىنىدۇ،يەنى ھومېرى رېۋايىتىدىكى نىبىلو پىلانتىسى كەلگۈسىدە يەر شارىغا سوقۇلىدۇ.ئامېرىكا ئالەم ئىدارىسى مۇنداق دېدى:ھومىرلىقلار 2003-يىلى 5-ئايدا سوقۇلۇش يۈز بېرىدۇ دەپ بىشارەت بەرگەن،ئەمما ئەجەپلىنەرلىكى ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى،بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ.ئالەم ئىدارىسى بوشلۇق ئالىمى داۋى مورۇنسىن ئۇزۇن يىلدىن بۇيان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىپ كەلگەن،ئۇ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىپ،بىنىلو يەر شارىغا سوقۇلمايدۇ،-دېدى.
داۋى ئاددىي قىلىپ مۇنداق دېدى:نىبىلو مەۋجۇت ئەمەس.ئەگەر نىبىرو يالى باشقا پىلانتلار يەر شارىغا ئۇچۇپ كېلىۋاتقان بولسا ئاستىرۇنۇملار ئاز دېگەندە 10 يىلنىڭ ئالدىدىلا ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن بولاتتى يەنە كېلىپ بىز كۆزىمىز بىلەن ئۇنى بايقىغان بولاتتۇق.شۇنىڭ ئۈچۈن ناھايتى ئېنىقكى ئۇلار ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.
گەرچە نىبىرو مەۋجۇت بولمىسىمۇ ئامېرىكا ئالەم ئىدارىسى يەنە مۇنداق دەپ قارىسى:بۇ يىل يەر شارىغا قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز،مېتېئورىت چۈشمەيدۇ،يەر شارىدىمۇ 180 گرادۇسلۇق ئايلىنىش بولمايدۇ.يېقىندا ئالەم خىزمەتچىلىرى بىر تۈرلۈك ئالەم بوشلۇقى قاراۋۇل چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ،ھازىرىغا قەدەر يەر شارىنى ۋەيران قىلىدىغان بىرەر مېتېئورىتنىمۇ تاپالمىدى.
ئامېرىكا ئالەم ئىدارىسى مۇنداق دېدى:ئاتالمىشى 2012-يىلدىكى قۇياش بورىنىمۇ يەر شارىغا پەۋقۇلئاددە خەۋىپ ئېلىپ كەلمەيدۇ،بوران يۇقىرى پەللىگە چىققاندا سۇنئىي ھەمرا ئالاقىلىشىشى ئۇزۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمما يەر شارىنى ۋەيران قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776