ilan
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 9 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى دۆلەت كاتىپى 3-دېكابىردىن باشلاپ جۇڭگو،كورىيە ۋە ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -02
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

جۇڭگو ئاخبارات تورى 2-يانىۋار تېلېگراممىسى:كورىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-يانىۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،يېڭى يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا چاۋشىيەن دېپلوماتىيىسىگە بولغان قەدىمىنى تېزلىتىدىكەن.
ئامېرىكا چاۋشىيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئىل ئالەمدىن ئۆتۇشىنىڭ ئالدىدا چاۋشىيەن ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى كۈچلۈك ئۈمىد قىلماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىشلىرىنىڭ مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كانبىر 3-يانىۋاردىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو،كورىيە ۋە ياپۇنىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ بۇ مەزگىلدە ئېھتىمال يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن.
دېپلۇماتىيە ئاخبارات زاتلىرى مۇنداق دېدى:ئامېرىكا چاۋشىيەنگە كۆڭۇل بۆلۇپ يېڭى يىللىق بىرلەشمە ئوبزۇر ئارقىلىق كورىيەنى تەنقىت قىلدى،ئەمما باشقا بىرەر ئېغىز سۆز قىلمىدى.ئەگەر بۇ قېتىملىق ئوبزۇر كىم جۇڭئۇن تۈزۈلمىسىدىكى تاشقى سىياسەتنىڭ ئاساسى يۆنىلىشىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرسە، چاۋشىيەننىڭ ئامېرىكىغا بولغان كۈچلۈك دۈشمەنلىك نەزىرى يوقلۇقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئوبزۇردا چاۋشىيەن كىم جۇڭئىلنىڭ ۋەسىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىش شۇنداقلا خەلقنىڭ كىيمى پۈتۈن بولۇش،قورسۇقى توق بولۇش مەسىلىسى ۋە ئاشلىق مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى.بۇنىڭدىن نۆۋەتتە چاۋشىيەننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاشلىق ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇ.
ئامېرىكا ئېھتىمال كانبىرنىڭ شەرقى ئاسىيادىكى زىيارىتى ئارقىلىق چاۋشىيەننىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھەركىتى ۋە سىياسىي يۆنىلىشىنى شۇنداقلا ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مەيدانىنى ئىگەللىشى مۇمكىن.
 

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776