رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 1108 قېتىم كۈرۈلدى
ھىندىستاندىكى يېمەكلىكنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -31
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ھىندىستاندىكى يېمەكلىكنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن
تېڭشۈن ئىقتىساد خەۋىرى،بېيجىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى،《ھىندىستان كۈندىلىك گېزىتى》 باش ماقالىسىدە 《ھىندىستاندىكى يېمەكلىكنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن》 دېگەن خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ ئۇنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك ئىكەن:
ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەپتىنىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،12-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە،ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىچى يېمەكلىك باھاسى زور نىسبەتتە تۆۋەنلەپ تۆۋەنلەش نىسبىتى %0.42 گە چۈشۈپ قالغان،ۋە ئالتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان.شۇ ھەپتە ئىچىدە ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كۆكتات،سامساق،ياڭيۇ ۋە بۇغداي قاتارلىقلارنىڭ باھاسىدا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش بولغان.ئىلگىرى بىر ھەپتىدە،بايان قىلىنغان ھىندىستان يېمەكلىك بازىرىنىڭ پارچە سېتىش باھا كۆرسەتكۈچى〔WPI〕قىممىتى %1.81 ئۆرلىگەن،2010-يىلى ئوخشاش مەزگىلدە بۇ خىل سانلىق كۆرسەتكۈچى %15.48 بولغان.
بۈگۈن ئېلان قىلىنغان سانلىق كۆرسەتكۈچلەرگە ئاساسلانغاندا،12-ئاينىڭ 17-كۈنى بولغان شۇ ھەپتە ئىچىدە،ھىندىستاندىكى سامساقنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى باھاسى %59.04 تۆۋەنلىگەن،ياڭيۇنىڭ باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.76 تۆۋەنلىگەن،بۇغداينىڭ باھاسىمۇ %3.30 تۆۋەنلىگەن.ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە،ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كۆكتاتنىڭ باھاسى ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.02 تۆۋەنلىگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە،ھىندىستاندىكى يېمەكلىك باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى بولسا ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھىندىستان مەركىزى بانكىسى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ياخشى خەۋەر بولۇپ،ئۇلار ئاللىقاچان يۇقىرى باھادىكى كۆكتات باھاسى بىلەن ئېلىشىپ كېلىۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ.ئەمما،بىر قىسىم باشقا تۈردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسىدا ئۆرلەش ئالامىتى كۆرۈلۈپتۇ.دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،12-ئاينىڭ 17-كۈنى،ھىندىستان دۆلەت ئىچىدىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى %11.3 ئۆرلەپ كەتكەن،تۇخۇم،گۆش تۈرى ۋە بېلىق قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش ۋاقىتقا قارىغاندا %11.56 ئۆرلىگەن.

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203