نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 353 قېتىم كۈرۈلدى
قىمار ئوينىغان ئۈچ باش دىرېكتور خەق تەرىپىدىن چانىۋېتىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -26
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
باشقىلار تەرىپىدىن چانالغان باش دىرېكتور ، خېپىڭ ناملىق كىمىنىڭ پايچىكى خې ۋېنۋۇ

ئەسلىدە خۇشاللىققا تولغان ، خوش چاقچاق بىلەن ئولتۇرغان سورۇن ، بىردەمدىلا ھەممە يەر قانغا تولغان مەيدان بولۇپ قالغان . شىشۈاڭ بەننادىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ چېگرا سودا كارخانىلىرىنىڭ بىر بولغان لىيانشۈن ئوبوروت سودا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خې ۋېنۋۇ تېلېۋىزوردىكى كۆرۈنۈشلەر ئويلىمىغان يەردىن ئۆزنىڭ ھېقىقى تۇرمۇشتا سادىر بۇلىشىنى ئويلاپمۇ يەتمىگەن ئىدى . 12-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ باشقا ئىككى شىركەتنىڭ دىرېكتورلىرى بىلەن موخەندىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش ئورنىدا دوغا چىقىپ سان تېپىش ئويناۋاتقاندا ، بىر توپ ئەر كىشىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ شۇلار تەرىپىدىن چانىلىپ ، نەق مەيداندا ئۆلۈپ قالغىلى تاس قالغان .
قىمار ئويناپ كۆڭۈل ئېچىش سۆرىنى قانغان بويالغان
تۈنۈگۈن مۇخبىر دوختۇرخانىغا يىتىپ كەلگەندە ، ئەمدىلە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيدىن ئادەتتىكى كېسەل ياتىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەن خې ۋېنۋۇ كارىۋاتتا يېتىپ سۇيۇقلۇق ئاستۇرغان ، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ سول قۇلاق تۈۋى ، مەيدىسىنىڭ ئوڭ تەرىپى ۋە سول قولى داكا بىلەن قېلىن قىلىپ ئورالغان ئىكەن . كۆكرىكىنىڭ سول تەرىپىدىكى يۈرەك ئورنىدا ،يەنە بىر 10 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر پىچاق بىلەن تىلىۋېتىلگەن يار ئىزى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىكەن .
خې ۋېنۋۇنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە ، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ، ئۇ دوستلىرى بىلەن تاماق يەپ بولۇپ موخەندىكى «خوڭفاڭ»دېگەن كۆڭۈل ئېچىش ئورنىغا بارغان ئىكەن ، ئۈچىنچى قەۋەتتە ناخشا ئاڭلاپ بولۇپ قىمار ئويناش تۈرى تەسىس قىلىنغان بىرىنچى قەۋەتتىكى چوڭ زالدا سان تېپىش ئوينىغان : كونكرېت ئويناش ئۇسۇلى ئونغا بىر نىسبەتتىكى باھا بىلەن پىۋا بۇيرۇپ ، ، ئۇتتۇرۇۋەتكەنلەر ھاراق ئېچىپ كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرغان . ئەگەر پىۋىنى ئىچمىسە ، پىۋا تالونىنى ئېلىپ سەھنىگە چىقىپ دوغا چىقىپ «سان تېپىش» ئوينى ئوينايدىكەن ، ئەگەر تاق ياكى جۈپ ئىكەنلىكىنى تېپىۋالسىلا باش باشلىغۇچى بىردە بىر نىسبەتتە تۆلەم بېرىدىكەن . ئەگەر نومۇرنىڭ (ساننىڭ) قانچىلىكىنى بىۋاسىتە تېپىۋالسا ئەڭ يۇقىرىسى بىرگە 20 ھەسسە بويىچە تۆلەمگە ئورىشىدىكەن .
خې ۋېنۋۇ بىلەن ۋېيچىڭ سودا شىركىتىنىڭ دىرېكتورى زېڭ ئەپەندىم يەنە بىر سودا شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جۇ ئەپەندىم بىلەن بىر نەچچە قول ئويناپ ئۇدا ئۇتتۇرۇۋەتكەچكە ، ئۇ يەنە بىر قېتىم دوغا چىققاندا بېرىپ نومۇر بېسىلغان كونۋېرتىنى ئېچىشى كېرەك ئىدى ، ئويلىمىغان يەردىن ئەمدىلا كونۋېرتنى ئېچىشىغا ، بىر نەچچە ئەر ئۇنى ئوتتۇرىغا ئېلىۋېلىپ ئىتتىرىشىپ ، ئىككى تەرەپ گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغان . شۇ ئارىلىقتا ئۇ بېشىغا بىر نېمە ئۇرۇلغاندەك بولۇپ ھېچ ئىشنى بىلەلمەي قالغان . ئۇ ئويغانغاندا ئۆزنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى ،يېنىدا يەنە بىرگە سان تېپىش ئوينى ئوينىغان جۇ ئەپەندىم بىلەن زېڭ ئەپەندىمنىڭمۇ ياتقانلىقىنى بايقىغان ئىكەن ئىكەن .ۋەقە سادىر بولغاندا ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ كەلگەن دوستلىرى ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كىيىن ، ئۈچ كىشىنى دوختۇرغا ئاپىرىپ قۇتقۇزغان .
خې ۋېنۋۇ شۇ كۈنى كەچقۇرۇن مېڭلا ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلىپ ، ئەتىسى ئەتىگەن سائەت تۆت بىلەن خېيىم – خەتەردىن قۇتۇلغاندىن كىيىن ئاندىن جىنخوڭدىكى شىشۇاڭ بەننا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش دوختۇرخانىسىدا داۋاملىق قۇتقۇزۇلغان؛ قۇرساق قىسمىغا پىچاق سانجىۋېتىلگەن جۇ ئەپەندىم قان بەك چىقىپ كەتكەنلىكتىن ئايلىنىپ كېتىپ ھوشىغا كەلمەي ، كېچىلەپ شىشۇاڭ بەننا ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلىپ قۇتۇلدۇرۇلغان ؛ ساغرا قىسمىغا ئىككى قېتىم پىچاق سانجىلغان ، سول كۆزىنىڭ تۆپىگە بىر قېتىم پىچاق ئورۇلغان زېڭ ئەپەندىم ، بەختىگە يارىشا يارىسى يېنىكرەك بولۇپ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە بولمىغاچقا ، مېڭلا دوختۇرخانىسىدا يۆتكەلمەي ئاسما ئېسىپ داۋالانغان .
دېلوغا چېتىشلىق كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى تىجارەتنى توختاتقان
«ئەسلىدە قائىدە بويىچە دوغا چىققان بولسىلا ، مەيلى كىم بولمىسۇن كونۋېرتنىڭ ئېغزىنى ئېچىپ نومۇرنى كۆپچىلىككە كۆرسەتسە بۇلاتتى»
خې ۋېنۋۇنىڭ دېيىشىچە ، شۇ كۈنى ئۇلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلارمۇ دوغا چىقىپ ، مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملاردىن كونۋېرتىنىڭ ئېغزىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان . لېكىن خىزمەتچى خادىملار بۇ ئەھۋاللارنى بىزگە ئۇقتۇرمىغانلىقىدىن ، بىز ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ ئالدىدا كونۋېرتنى ئېچىپ ، ئاخىرى مۇشۇنداق بىر دەھشەتلىك ، قانلىق ئاپەتكە ئۇچۇردۇق .
مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە ، ئۈچ نەپەر باشقىلار تەرەپتىن چانىۋېتىلگەن باش دىرېكتورلار ئىچىدە ، خې ۋېنۋۇ يەنە «10.5» مىكون دەرياسىدىكى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن «خۇاپىڭ» ناملىق كىمىنىڭ پايچىكى ئىكەن . شۇڭا دېلو سادىر بولغان جايدا بىر قەدەر چوڭ تەسىرنى قوزغىغان .
دېلو سادىر بۇلغان شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ، دېلو مەلۇماتىنى قوبۇل قىلغان مېڭلا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماقلىرى تىزدىن نەق مەيدانغا يىتىپ بېرىپ مۇخەن ساقچىخانىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن نەق مەيداننى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئىسپات توپلاشنى قانات يايدۇرۇپ ، كېچىلەپ رازۋېدكا قىلىش ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىنى باشلىغان .
12-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 بىلەن ، دېلوغا چېتىشلىق تۆت ئەرنىڭ ئۈچى ئۆزنى مەلۇم قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ساقچى دائىرىلىرى دېلو سادىر بۇلغان بىنانىڭ بىرىنچى قەۋەتتىكى چوڭ زالنى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشنى بۇيرۇغان .

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش