نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 540 قېتىم كۈرۈلدى
ۋېن جياباۋ گۇاڭدۇڭدا تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -18
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
13-14-ئۆكتەبىر، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ 10-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە، ئىقتىسادى ۋەزىيەت بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
ۋېن جياباۋ گوگۇاڭ ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى پاي چەكلىك شىركىتى ۋە گۇاڭجۇ داياڭ موتوسىكلىت چەكلىك شىركىتىنى تەكشۈردى ھەم گۇاڭجۇدا تاشقى سودا كارخانىلىرى مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پىكىر تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.
13-ئۆكتەبىر كەچتىكى سۆھبەت يىغىنىدا كۆپچىلىك بەس بەستە پىكىر بايان قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەمگەك كۈچى ۋە خام ماتېرىيال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئېشىشىنىڭ تاشقى سودا كارخانىلىرى پايدىسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىۋاتقانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلدى. ۋېن جياباۋ توققۇز نەپەر كارخانا مەسئۇلى ۋە جەمئىيەت مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بايام كۆپچىلىك نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى، نۇرغۇن ئىجابىي پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى، بۇلار بىزنىڭ ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلىشىمىز، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى چىڭىتىشمىزغا نىسبەتەن يۈكسەك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: بىز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ تاشقى سودا كارخانىلىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ۋەزىيەتنى كەسكىنرەك مۆلچەرلىشىمىز، تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقلىرىنى پۇختىراق ئىشلىشىمىز، ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارىنىڭ سىلىق تېزرەك ئېشىشىنى ساقلاپ، زور دەرىجىدە ئېشىش ۋە چۈشۈشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
  ۋېن جياباۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، تاشقى سودىدا «مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تەڭپۇڭلۇققا تۈرتكە بۇلۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تېرەكنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. مۇقىم ئېشىش دېگىنىمىز تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرى دۇچ كېلىدىغان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ.
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش