نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 462 قېتىم كۈرۈلدى
چېن جىلى 2011-يىللىق «ئاسىيا-ئافرىقا ئاياللىرى يىغىنى» غا قاتناشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -08
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
«ئاسىيا-ئافرىقا ئاياللىرىغا تەربىيەلىنىش ھوقۇقى بېرىش» باش تېمىسىدىكى 2011-يىللىق ئاسىيا-ئافرىقا ئاياللىرى يىغىنى 7-ئۆكتەبىر كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى چېن جىلى تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا «مائارىپ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ھاياتىنى نۇرلاندۇرايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
چېن جىلى نۇتىقىدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىياتىنى تونۇشتۇردى. نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئەڭ زور كۆلەمدىكى مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلىغان خەلقنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو ئاياللىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە «يېرىم دۇنيالىق» رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى : گاڭ فېڭ توي قىلدى

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش