نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 508 قېتىم كۈرۈلدى
تەيفېڭ بورىنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ۋەننىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -06
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
بۇ يىللىق 19-نۇمۇرلۇق كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى نالگى 4-ئۆكتەبىر سائەت 12دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ۋەننىڭ شەھىرىنىڭ دۇڭئاۋ كەنتىدە قۇرۇقلۇققا چىقتى، قۇرۇقلۇققا چىقىش ۋاقتىدىكى ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 10-دەرىجىگە يەتتى. نۆۋەتتە، ئالاقىدار ئۆلكە رايونلار ئۆلۈپ يارىلىنىش ياكى ئېغىر ئاپەت ئەھۋالى دوكلاتىنى تاپشۇرۋالمىدى.
نالگىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خەينەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون تەيفېڭ بورىنىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك، ياخشى ئورۇنلاشتۇردى. خەينەن ئۆلكىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق شىتابى 3-ئۆكتەبىر ئۆلكىلىك سۇ ئامبىرىنى ئاپەتتىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈش مەخسۇس يىغىنى ئىچىپ، ئۆلكىنىڭ تەيفېڭ بورىنىغا قارشى تۇرۇش دەرىجىسىنى 3-دەرىجىگە كۆتۈردى، شۇنداقلا تەيفېڭ بورىنىغا قارشى تۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرگە سەككىز خىزمەت گۇرۇپپىسىنى بىرىنچى سەپتە خىزمەتكە قوماندانلىق قىلىشقا ئەۋەتتى. پۈتۈن ئۆلكىدە 27مىڭ 172 بېلىقچىلىق كېمىسى پاناھلىنىش ئۈچۈن مۇددەتتىن بۇرۇن پورتقا قايتۇرۇپ كېلىندى. خەينەن ئۆلكىسى 137مىڭ ئاممىنى جىددىي يۆتكىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 31مىڭ ئامما جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق شىتابى 3-ئۆكتەبىر سائەت 12دە تەيفېڭ بورىنىغا قارشى تۇرۇش 4-دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويدى، شۇنداقلا خىزمەت گۇرۇپپىسىنى يۆشى رايونىغا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ قوماندانلىق قىلىشقا ئەۋەتتى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۆپ قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش