نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 953 قېتىم كۈرۈلدى
بىر ئەر يېرىم كېچىدە موتسىكىلىت بىلەن كۆۋرۈك ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

فۇجىيەن دېخۇالىق بىر ئەر ،يېرىم كېچىدە موتسىكىلىت  مىنگەن پېتى كۆۋرۈك ئاستىغا چۈشۈپ كېتىپ،ساقچىلار تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۋېلىندى                  
 
جوڭگۇ ئاخبارات تورى دېخۇا 3-ئۆكتەبىر تېلگىراممىسى:بىر يامغۇرلۇق كۈن كېچىسى  موتسىكىلىت مىنگەن  بىر  ئەر كىچىك كۆۋرۈككە كەلگەندە، يولنى ئېنىق كۆرەلمەي ، موتسىكىلىت  مىنگەن پېتى كۆۋرۈك ئاستىغا چۈشۈپ كېتىپ،بەدىننىڭ ئاستىقى قىسمى ئېغىر يارلاندى،تەلىيىگە ساقچىلار ئۇنى ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرغانلىقتىن،خېيىم-خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدى.                                                                                                               
3-ئۆكتەبىر سەھەر 1:00ئەتراپىدا .فۇجو دېخۇا   سەنبەن  ساقچىخانىسى قوماندانلىق مەركىزى بىرسىنىڭ ،سەيجىڭ كەنتى ئەگمە كۆۋرۈك تەببى كەنتىدىكى كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا بىر ئادەمنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىگى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۋالدى.بۇنىڭ بىلەن سەنبەن ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار بىرلەشمە مۇداپىيە خادىملىرىنى ئېلىپ،نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن،2مېتىر ئىگىزلىكتىكى كۆۋرۈكنىڭ تېگىدىكى ئېقىننىڭ قىرغىقىدا  چىرىغىنى ياندۇرۇغلۇق بىر موتسىكىلىتنىڭ توغرىسغا ياتقانلىغىنى،بىر پۈتۈن بەدىنى سۇدا چىپ-چىپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئەرنىڭ بېشىدىن قان ئېقىۋاتقانلىغىنى، ئوڭدىسىغا موتسىكىلىتنىڭ  يېنىدا  يېتىپ  ۋايجانلاپ تۇرغانلىقىنى  ،ئەھۋالىنىڭ چاتاقلىغىنى  بايقىدى،بۇنىڭ بىلەن ساقچىلار سىم-سىم يېغىۋاتقان يامغۇرغا  قارىماي ،پاتقاقلارنى كېچىپ مىدىراشقا ماجالى يوق بۇ يارىدار ئەرنى ساقچى ماشىنسىغا كۆتۈرۈپ سېلىپ،دوختۇرخانىغا داۋالاش  قۇتقۇزۇشقا ئاپاردى.                                                                                                       
ئىگىلىنىشىچە،بۇ ئەرنىڭ ئىسمى جېڭ X ،سەنبەن بازىرىلىق ،بۇ يىل 41 ياشقا  كىرگەن كىشى بولۇپ،ئۇزۇن مۇددەت سېرتقى جايلاردا ئىشلەمچىلىك قىلدىكەن. قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە توي ئىشى بولغانلىقتىن .3-ئۆكتەبىر سەھەردە  ئالدېراپ-تېنەپ    ئۆيىگە       
 قايتماقچى بولغان ھەم  موتسىكىلىت بىلەن كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغاندا،جىددى ئايلىنىشى،ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇر ياققاچقا يولنى ئېنىق كۆرەلمەي ،موتسىكىلىتنى تورمۇزلاشقا ئۈلگۈرمەيلا ،2مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كۆۋرۈك ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن،دوختۇرلار ئۇنىڭ  بېشىنىڭ تېرىسىنى 10يىپلىق تىككەن ،بويۇن ئومۇرتقىسى،قوۋۇرغىسى  سونغان. ۋاقتىدا داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغانلىقتىن،ھاياتى خەۋىپتىن  قۇتۇلغان.  
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش