نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1165 قېتىم كۈرۈلدى
موماي ئۆلدى،نەۋرىسى قۇرتلىغان جەسەت بىلەن بىرھەپتە«قۇچاقلىشىپ»ياتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -30
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : nur.cn

سوخو تۇرى خەۋېرى  ئۆيىدە جىم ئولتۇرۇپ نەۋرىسىنى باقىدىغان موماي تۇيۇقسىزلا ھاجەتخانىدا ئۆلۈپ قېلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ئاندىن باشقىلار تەرىپىدىن بايقالدى .ئۇنىڭ بىر ياش توققۇز ئايلىق بولغان نەۋرىسى بولسا نەچچە كۈن ھېچنىمە يېمەي ئاچ قېلىپ ھەم ئېغىر ياللۇغلانغانلىقتىن خۇيا 2-دوختۇرخانسى بالىلار بۆلۈمىنىڭ كۆزىتىش بۆلۈمىگە كىرىپ قالدى.


ئۆلۈش سەۋەبى


خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شۇاڭفىڭ ناھىيىسى يوڭفىڭ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق شاۋلى قاتارلىق بىر ئائىلىدىكى ئالتە جاندىن ئاپىسى ۋە چىنچىندىن باشقا دادىسى ، ئىنىسى ۋە ئايالى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چاڭشادا خىزمەت قىلاتتى . شاۋلىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە ئۇ ئاپىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 20-سىنتەبىر تېلىفۇندا كۆرۈشكەنىكەن. بىراق ئەتىسىدىن باشلاپ بىرمۇ ئادەم تېلىفۇن ئالمىغان . قوشنىسى ئۇنىڭغا ئاپىسىنىڭ بالا بىلەن مۇنچىدا يۇيۇنىۋاتقانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ يۇندا كارىزىدىن چىقىۋاتقان سۇنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان .

27-سىنتەبىر كۈنى ، ئۇ دادىسى بىلەن ئايالىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ ئىشىكنى چەكتى . بىراق ئۆينىڭ چىرىغى يېنىق ، تېلىۋېزورمۇ ئۇچۇق بولغىنى بىلەن ئىشىكنى ئاچىدىغان ئادەم چىقمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرھاللا ئىشىكنى چىقىپ كىردى ۋە ئاپىسىنىڭ ھاجەتخانىدىكى يەردە ياتقانلىقىنى شۇنداقلا ئاللىمىقاچان نەپەستىن توختاپ ھەتتا قۇرتلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردى . نەۋرىسى چىنچىن بولسا ئۇنىڭ قولتۇقى ئاستىدا يىغلاپ ياتاتتى . قۇرت ئۇنىڭمۇ بەدىنىگە يامىشىپ چىقىپ بولغانىكەن ، تۇربا سۈيى ھىم ئېتىلمىگەن بولغاچقا سۇ پەسكە ئېقى بالىنىڭ پۇتى ئاپئاق بولۇپ كەتكەنىكەن. شاۋلى بىلەن ئايالى بۇ ئىشلارنى كۆرگەندىن كىيىن بالىسىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى . دادىسى ئۆيدە قېلىپ ئايالىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلدى. شاۋلىنىڭ قارىشىچە ، ئاپىسى چىنچىننى كۆتۈرۈپ تاماق ئېتىش ئۈچۈن ھاجەتخانىغا سۇ ئالغىلى كىرگەندە تېيىلىپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىنكەن.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش