نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 698 قېتىم كۈرۈلدى
بېيجىڭغا ئوينىغىلى كەلگەن ئەرنى دۇمبالىغان مۇتتەھەم ئالتە سولتەك جاجىسىنى يېدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -24
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
تۈنۈگۈن مۇخبىر «بىر ئەر بېيجىڭغا ئوينىغىلى بېرىپ ئەرز قىلغىلى كەلگەن دەپ خاتا چۈشىنىلىپ قايتۇرۇپ كېلىنىش جەريانىدا تاياق يەپ يارىلانغانلىقى» نى ئېلان قىلغاندىن كىيىن لوياڭ شەھىرى لو لوڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا چېتىشلىق ئالتە كىشىگە جازا بەرگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە لو لوڭ رايونى كونا شەھەر يېزىلىق ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ چى ۋەزىپىدىن بوشىتىلغان.
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن لو لوڭ رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ مىڭخۇي لو لوڭ رايونىنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا ئىلىپ بارغان تەكشۈرۈش جەريانىنى تونۇشتۇردى.
ياڭ مىڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 9-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە لوياڭنىڭ مەلۇم مۇنازىرە تو بېكىتىدە مۇشۇ قېتىملىق ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك يازمىنى كۆرگەندىن كىيىن ئەتىسى لو لوڭ رايونلۇق پارتكوم شۇجىسى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان، ياڭ مىڭخۇي باشچىلىقىدا ج خ ئىدارىسى، تەپتىش ئىدارىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئەترىتى قۇرۇلغان.
تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر ئاۋۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىلانغۇچىنى يوقلىماقچى بولغان، ئەمما يارىدارنىڭ 9-ئاينىڭ 18 –كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇققاندىن كىيىن ئامال قىلىپ ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن. رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ مىڭلاڭ ئۆزى جاۋ جىفىينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلىغان ۋە كەچۈرۈم سورىغان.
تەكشۈرۈش داۋامىدا رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى ۋە كونا شەھەر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئەرز دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقى، ئۇسۇلنىڭ توغرا بولمىغانلىقى، ئاممىۋى قارىشىنىڭ سۇس بولۇشىدەك مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى، بۇ ئىشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىقى بايقالغان. لو لوڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك رەھبەر ۋە خىزمەتچى خادىملارغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغان.
جازالاش نەتىجىسى
تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن لو لوڭ رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ مىڭخۇي لو لوڭ رايونىنىڭ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى. لو لوڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى، كونا شەھەر يېزىلىق مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرگەن.
لو لوڭ رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى شۈ لىيىڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن
لو لوڭ رايونى كونا شەھەر يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى لى سىنغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن
كونا شەھەر يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتنىڭ شۇجىسى(ئەرزىيەت خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل) دوڭ شيەنۋىيغا ۋەزىپىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈش جازاسى بېرىلگەن
كونە شەھەر يېزىلىق ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لىيۇ جۈنتاۋغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن
لو لوڭ رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى لىيۇ خوڭجۇغا (رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق نۆۋەتچى خادىمى) مەمۇرى ھوقۇقىنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتتى دەپ ئەنگە ئىلىش جازاسى بېرىلگەن
كونا شەھەر يېزىلىق ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ چى ۋەزىپىدىن بوشىتىلغان.
ھەرخىل قاراشلار
كونا شەھەر يېزىلىق ھۆكۈمەت: بارلىق داۋالاش چىقىملىرىنى تۆلەشكە رازى
تۈنۈگۈن كونا شەھەر يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتنىڭ شۇجىسى(ئەرزىيەت خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل) دوڭ شيەنۋىي زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا يېزىنىڭ جاۋ جىفىينى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكىنى، جاۋ جىفىي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوڭ شيەنۋىي: تەكشۈرۈش ئەترىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن يېزىمىز ئادەم ئەۋەتىپ جاۋ جىفىينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەن، يېزىمىز ئۇنىڭ بارلىق داۋالىنىش چىقىملىرىنى تۆلەشنى، مۇناسىپ ھال سوراشنى ئوتتۇرىغا قويساق، ئۇ رەت قىلدى.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھازىرچە تۆلەم توغرىسىدا توختالغۇسى يوق
تۈنۈگۈن كەچ جاۋ جىفىينىڭ ئاكىسى تېلېفوندا مۇخبىرغا لو لوڭ رايونىدىن ۋاڭ فامىلىلىك بىر باشلىق كۈندۈزدە ئۆيگە كېلىپ ئاتا ئانىسىنى يوقالغانلىقىنى، پوزىتسىيىنىڭ ناھايىتى سەمىمىيلىكىنى، 10 مىڭ يۈەن پۇل قويۇپ قويغانلىقىنى ، بۇندىن باشقا ۋاسىتىچى كىشىلەرگە 30 مىڭ يۈەن بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.
جاۋ جىفىينىڭ ئاكىسى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھازىرچە تۆلەم ھەققىدە توختالغۇسى يوقلۇقىنى، جاۋ جىفخي تولۇق ساقىيىپ كېسەل ئاسارىتى بار-يوقلۇقى ئېنىقلانغاندىن كىيىن بىر نېمە دېيىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قايتۇرۇپ ئەكېلىش قارارىنى چىقارغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن شۈ لىيىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ «ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىڭلار» دەپ بەرگەن بۇ خاتا قارارىغا ، ئۇلارنى ياتاقتىن تاپقان ۋاقتىدا ھەممىسىنىڭ سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بۇيرىمغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش