نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 667 قېتىم كۈرۈلدى
مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ مۇخبىرلىرى نەنجىڭ شەھىرىدە سۇنىڭ گۇرۇھىنى كۆزدىن كەچۈردى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -20
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : /www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-سېنتەبىر نەنجىڭ خەۋىرى: (مۇخبىر مېھرىگۈل خۇدابەردى)

18-سېنتەبىر، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان رايونلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكى مۇخبىرلار جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. نەنجىڭ شەھىرىدىكى سۇنىڭ گۇرۇھى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى ئەڭ ئالدى بىلەن سۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ نەنجىڭدىكى باش ئىشتابىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، شۇنداقلا سۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى كۆرگەزمە رايونىدا سۇنىڭلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى بىلەن تونۇشتى. 

سۇنىڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى 1990-يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، 20 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، سۇنىنىڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى زەنجىرسىمان سېتىش تورى جۇڭگودىكى 300 دىن ئارتۇق شەھەرنى قاپلىدى، شۇنداقلا جۇڭگو شياڭگاڭ ۋە ياپونىيە بازىرىغا كىرىپ، 1500 گە يېقىن زەنجىرسىمان دۇكانغا ئېگە بولدى. 2010-يىللىدىكى سېتىش كىرىمى 150 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى، بۇ شىركەت سودا مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق يېتىشتۈرگەن «مەملىكەت بويىچە 15 چوڭ سودا كارخانا گورۇھى» نىڭ بىرى. ئۇ 500 كۈچلۈك جۇڭگو كارخانسى ئىچىدە ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە كىرگەن، 2010-يىلى «فوربىس» ئاسىيادىكى 50 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگۈزگەن. ھازىر، سۇنىڭ گۇرۇھى سودا، يەر مۈلۈك، مۇلازىمەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەدە تەڭ تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

سۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى چوڭ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان سۇنىڭ مەيدانى ئالىي، ئېسىل تاۋارلارنى پارچە سېتىش، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشكەن ئونىۋېرسال سودا بىناسى بولۇپ، غۇلجا شەھىرىدىكى جياڭسۇ يولى بىلەن ئازادلىق يولى كېسىشمىسىنىڭ شەرقىي بۈرجىكىگە جايلاشقان. ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 24 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 100 مىڭ كۋادرات مېتىر، جەمئىي 1 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان، توختام تۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپلا يەر ئىشلىتىلگەن، 2012-يىلى 3-ئايدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2013-يىلى تولۇق پۈتىدۇ، يىللىق سېتىش سوممىسى 600 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى سۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ خىزمەتچىسى چېن يەننى زىيارەت قىلماقتا

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش