نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 1154 قېتىم كۈرۈلدى
خالادىكى ۋەھشىي يىلان بىچارە قىزچاقنى قورقۇتۇپ جېنىنى ئالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -19
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : 65933.com

چۇ تىيەنجىن گېزىتى خەۋىرى،ئالدىنقى كۈنى گەنسۇدىن خەنكۇغا كەلگەن قىزچاق شىياۋما ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ تازىلىق ئۆيىدە ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يىلاننى بايقىغان بەختكە يارىشا 110  خادىملىرى كېلىپ ۋاقتىدا قۇتقۇزغاچقا ئامان قالغان.
شىياۋما جىڭخې جەنۇبىي تۆت كوچا يولىدىكى بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ،ئالدىنقى كۈنى سەھەر سائەت بىرلەر ئەتراپىدا زاۋۇتتىن ئىجارە ئۆيىگە قايتىپ،تازىلىق ئۆيىدە يۇيۇنماقچى بولغان،ئويلىمىغان يەردىن ئىشىكنى يېپىشىغا تەخمىنەن ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يىلاننىڭ ئىشىكنىڭ كەينىدىن شۇڭغۇپ چىققانلىقنى بايقايدۇ،يىلان بېشىنى تىك تۇتۇپ ئۇنىڭغا مىختەك قادىلىپ قىزچاقنى تازىلىق ئۆيىگە «بەند» قىلىپ قويىدۇ.
تەلىيىگە يارىشا قىزچاق يانفوننى تازىلىق ئۆيىگە ئېلىپ كىرگەن بولغاچقا،دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ ياردەم سورايدۇ،رايونلۇق 110 نىڭ نۆۋەتچى ساقچىلىرى تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كىيىن، ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كالتەك بىلەن ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يىلاننى سۇلياۋ تورغا ئىلىپ سالىدۇ،ھەمدە بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تېرىلغۇ ئېتىزغا قويۇۋېتىدۇ.
ساقچىلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە،يىلان ئىجارە ئۆينىڭ يۇندا سۇ تۇرۇبىسىدىن ئۈزۈپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.شىياۋما ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەن بولسىمۇ،بەختكە يارىشا يارىلانمىغان.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش