نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 631 قېتىم كۈرۈلدى
چېمپىيونلۇق قولدىن كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -16
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 

خەيرىگۈل يادىكار

 

13-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، گۈيياڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى پۇتبول مەيدانىدا ئىلەڭگۈچ مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى. ئەنخۈي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى شى مېيلىڭ، ما چىچىڭلار ئىلەڭگۈچ مۇسابىقىسى ئېگىزلىككە قوش كىشلىك ئۇچۇش 55 كىلوگىراملىقلاردىن يۇقىرى دەرىجىسى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بېڭتۈەنى ماھىرلىرى خەيرىگۈل يادىكار، ئاينىساگۈل كېرىم بىلەن جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ياڭ يۈدەن، لى چۈنمېيلار 2-لىككە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، چۇڭچىڭ، گۇاڭدۇڭ، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 3-لىككە ئېرىشتى.

 

Www.AnAdiyar.Cn 

ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرى خەيرىگۈل يادىكارنى زىيارەت قىلماقتا.

 

خەيرىگۈل يادىكار تولىمۇ ئەپسۇسلاندى. ئۇ ئەسلىدە چېمپىيون بولۇشنى ئارزۇ قىلغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باشقا ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى. مۇسابىقىدە چېمپىيون بولالمىغانلىقىمدىن بەكلا ئەپسۇسلاندىم. كېيىنكى مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىمەن».

 

ئىلەڭگۈچ مۇسابىقىسى ئۇچۇرلىرى:

 

11-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان قوش كىشلىك قوڭغۇراق ئۇرۇش تۈرىنىڭ 55 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋۇ ئەنجېن، فېي چيەنخۇڭلار چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بەخىتگۈل جۇمان، سۈبھىنۇر ھېسامىدىن، جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى شيا يىمېن، لو جىنخۇا، گۈيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ياڭ ليۇ، ۋاڭ چيۇيۈلار 2-لىككە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 3-لىككە ئېرىشتى.

11-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان قوش كىشلىك قوڭغۇراق ئۇرۇش تۈرىنىڭ 55 كىلوگىراملىقلاردىن يۇقىرى دەرىجىسى بويىچە چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى پېڭ چۈنيەن بىلەن ياڭ كېچىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى گۈلشەن ئابلىز، ھۆرنىسا ساۋۇر، جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى لى چۈنمېي، ياڭ يۈدەن، ئەنخۈي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى شى مېيلىن، ما چىچىڭلەر 2-لىككە ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يۈننەن، گۇاڭدۇڭ، لياۋنىڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 3-لىككە ئېرىشتى.

12-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان تاق كىشلىك قوڭغۇراق ئۇرۇش تۈرىنىڭ 55 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى بەخىتگۈل جۇمان چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى چېن شياۋشيا، يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ياڭ ياجۈن، گۈيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋاڭ چيۇ يۈلار 2-لىككە ئېرىشتى. ئەنخۈي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋاڭ شۇ يۆ، ياڭ خۇ نەن، چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى شۈ چاۋ 3-لىككە ئېرىشتى.

12-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تاق كىشلىك قوڭغۇراق ئۇرۇش 55 كىلوگىراملىقلاردىن يۇقىرى دەرىجىسى بويىچە خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى پېڭ يى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى گۈلشەن ئابلىز، ھۆرنىسا ساۋۇر، چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى جاڭ يۈن 2-لىككە ئېرىشتى. يۈننەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى لى شيۇلەن، لەن يۈنمياۋلار 3-لىككە ئېرىشتى.

13-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ئېگىزلىككە قوش كىشلىك ئۇچۇش 55 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋۇ ئەنجېن، فېي چيەنخۇڭلار چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى شيا يىمېڭ، لو چىنخۇا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى قۇندۇز دۇكاي، ھاۋاگۈل يۈسۈپلەر 2-لىككە ئېرىشتى. ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى چې خۇڭشيا، باۋيى رىگۈيلەر 3-لىككە ئېرىشتى.

 

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش