نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 729 قېتىم كۈرۈلدى
«بىز يەنىلا سىزگە ئاپىرىن ئېيتىمىز!»
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -16
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 

گۈلشەن ئابلىز

 

9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغان ئىككى كۈندىن بۇيان مەن چېلىشىش، كەينىچىلەپ تارتىشىش مۇسابىقە مەيدانلىرىدا بولغاچقا، ئىلەڭگۈچ ماھىرلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئامالسىز قالغانىدىم. 11-سېنتەبىر ۋە 12-سېنتەبىردە ئېلىپ بېرىلغان قوش كىشلىك قوڭغۇراق ئۇرۇش 55 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى ۋە تاق كىشلىك قوڭغۇراق ئۇرۇش 55 كىلوگىراملىقلاردىن يۇقىرى دەرىجىسى بويىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى گۈلشەن ئابلىز 2-لىككە ئېرىشتى. 13-سېنتەبىر ئىلەڭگۈچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نەق مەيداندا ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم. لېكىن ئۇ قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان چېمپىيونلۇقى ئۈچۈن تېخىچە ئەپسۇسلىنىۋاتاتتى.

 

Www.AnAdiyar.Cn 

ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرى گۈلشەن ئابلىزنى زىيارەت قىلماقتا.

 

گۈلشەن ئابلىز قۇمۇل ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى مەكتىپىنىڭ تېرىنېرى بولۇپ، 1991-يىلىدىن باشلاپ، ئىلەڭگۈچ تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئىلگىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. مەن گۈلشەن ئابلىزغا تەسەللىي بەردىم. گەرچە يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان ماھىرلار كۆپ، رىقابەت كۈچلۈك بولسىمۇ، ئىلەڭگۈچ كوماندىسىدىكى بۇ گىگانىت ئەزىمەت يەنىلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن ئىككى تۈردە 2-لىكنى قولغا كەلتۈردى. بىز يەنىلا ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمىز.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش