نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 600 قېتىم كۈرۈلدى
چېلىشىش كوماندىسى ئۈچ تۈردە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -16
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاۋغۇست گۈيياڭ خەۋىرى (ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرى):

11-، 12-سېنتەبىر كۈنلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چېلىشىش كوماندىسى تۆت تۈردە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. مەنمۇ ئارىلىقتا يەنى 13-، 14-سېنتەبىر كۈنلىرى باشقا مەيدان- سارايلاردا زىيارەتتە بولدۇم. 15-سېنتەبىر مۇسابىقە بىر كۈن توختىتىلىپ، مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 16-سېنتەبىر ئەتىگەندىلا گۈيجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە زالىغا كىرىپ كەلدىم. كۆزلىرىم چېلىشىش كوماندىسىنىڭ تېرېنېرى قەھرىمان داۋۇتنى ئىزدەۋاتاتتى. چۈنكى، 13-، 14-سېنتەبىردىكى مۇسابىقە ئەھۋالىنى بىلىشكە قىزىقىۋاتاتتىم. بىر كەمدىن كېيىن، بېرىلىپ مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان قەھرىمان داۋۇتنى تاپتىم. تېرېنېردىن ئىگىلىشىمچە، چېلىشىش كوماندىسى ئىككى كۈندە ئۈچ تۈردە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

قەھرىمان داۋۇت ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

دەسلەپ يەنى 13-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇرچە چېلىشىش 62 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە، ئەكبەر سېيىت ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.

14-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تېبەتچە چېلىشىش 62 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە، چېلىشچىلار ئائىلىسىنىڭ 3-ئەزىمەتى يەنى روزىتوختى توختى ئىككىنچىلىكككە ئېرىشكەن.

14-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇرچە چېلىشىش 74 كىلوگراملىقلار دەرىجىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە بېرىدخوجا تولگىن ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.

قەھرىمان داۋۇت ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندى. لېكىن ھېچقىسى يوق، ئەڭ مۇھىمى دوستلۇق، ئەڭ مۇھىمى ئىتتىپاقلىق، ئەڭ مۇھىمى ئۆگىنىش. چېلىشىش كوماندىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن يۇقارقى نەتىجىلىرىنىڭ ئۆزىلا بىر غەلبە.

 

Www.AnAdiyar.Cn 

ئەنۋەر مەمەت ئۆز مۇخبىرىمىز پولات ئاماننۇرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

 

بۇ قېتىمقى چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بىردىنبىر ئۇيغۇر رېپىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 58-ئوتتۇرا مەكتەپ سېكرېتارى ئەنۋەر مەمەت بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن ئالغان تەسىراتىنى مۇخبىرغا بايان قىلىپ ئۆتتى.

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش