نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 804 قېتىم كۈرۈلدى
پايتەخىت ئايرودرومدا نامەلۇم ئۇچار جىسىم پايدا بولدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -15
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : 65933.com

ئەتتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى خەۋىرى : تۈنۈگۈن ، پايتەخىت ئايرودروم بوشلىقىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىم پەيدا بۇلۇپ ، نۆۋەتچى ئايرىپىلانلارنىڭ ئۇچىشى زور كۈلەمدە كىچىكتۈرگەنلىك خەۋرى توردا شاۋقۇن-سۈرەن پەيدا قىلدى . لىكىن پايتەخىت ئايۇرپورىت ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلارنىڭ كىچىكتۈرلىشى تاشقى پىلانىت ئادىمىنىڭ يىتىپ كىلىشى سەۋەبىدىن بۇلماستىن ، ئەكىسىنچە تۈنۈگىن سائەت 14دىن باشلاپ غەرىپ تەرەپ ئۇچۇش لىنىيەسىنىڭ ئۇچۇش سىغمىنى تىزگىنىلىگەنلىكتىن بۇلۇپ ،سائەت 17 ئەتراپىدا ئۇچۇش يۇلىغا چەك قۇيۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، نۆۋەتچى ئايرىپىلانلارنىڭ ئۇچىشى تەدرىجى نۇرماللاشقان .
تۈنىگىن چۈشتىن كىيىن ، نامەلۇم ئۇچار جىسىم توغرىسىدىكى خەۋەر توردا تەلۋىلەرچە تارقىلىپ ، بۇ خەۋەر جۇڭگۇنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك جايلارغا تارقالغان . بېيجىڭ ، چاڭجۇۋ ، كۆكخوت ، شى جىياجۇاڭ ، لەنجۇ ، ئىچكى مۇڭغۇل…… قاتارلىق جايلاردا «تاشقى پىلانىت ئادىمى»نىڭ تەسىرىگە ئۇچۇراپ ، بېيجىڭدىن نەچچە ئۆلكىگە ، بۇلۇپمۇ غەرىپ تەرەپكە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايرۇپىلانلار زور كۈلەمدە كىچىكتۈرلۈگەن . تورداشلار تەمىللىگەن رەسىمدە كۆرسىتىلىشچە .سائەت 14تىن باشلاپ ، پايتەخىت ئايۇرپورىتنىڭ  T3  ،  T2 ئاۋئاتسىيە بىناسىدا يۇلىچىلارنىڭ ئايرىپىلانغا چىقىش ۋاقتى كىچىكىش ئەھۋاللىرى كۈرۈلگەن ، نۆۋەت ساقلاش بىناسىدا بىر مەزگىل نۇرغۇن يۇلىچىلارتۇرۇپ قالغان . يەنى بىر قىسىم تورداشلار ئاساسىي بار سۆزلىرى بىلەن پايتەخىت ئايۇرپورىت بوشلىقىدا پەيدا بۇلغان نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ «راسلىقى»نى ئىسپاتلىغان . تۈنۈگىن سائەت 16تە ئەتراپىدا بەزى تورداشلار : «بەزىلەر بۇگۈن پايتەخىت ئئايۇرپورىتىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىم پەيدا بۇلۇپ ، نۆۋەتچى ئايرىپلانلارنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە كىچىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەيدۇ ، ئالاقىدار زاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، ھەقىقەتەن مۇشۇنداق گەپلەر تارقالغان ، لىكىن ئۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىم ئەمەس ، باشقىلارمۇ كۆرگەن ئەمەس ، شۇڭا ھازىر ۋاقتىنچە ھۆكۈم چىقارماق تەس دەيدۇ »دىگەن . يەنە بەزىلەر ئاۋاتىسىيە باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نامى بىلەن بېيجىڭدا ھەقىقەتەن نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ پەيدا بۇلغانلىقىنى «ئىسپاتلىغان» .
لىكىن كىشىنى دەككە-دۇككىگە سالغان UFO توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭ پايتەخىت ئايۇرپورىت ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ ئىپادىسى بىلەن كۆپىككە ئايلاندى . سائەت 17ئەتراپىدا ، پايتەخىت خەلقىئارا ئايرۇپورىت ھۆكۈمەت دائىرلىرى تۈنىگىن چۈشتىن كىيىن ئايرۇپورىتتىن ئايرىلىدىغان نۆۋتچى ئايرىپىلانلارنىڭ ھەققەتەن بىر قىسملىرىنىڭ كىچىككەنلىكىنى ، لىكىن بېيجىڭدا نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ پايدا بۇلىشى سەۋەبىدىن ئەمەسلىكىنى بىلدۇردى . پايتەخىت خەلقىئارا ئايرۇپورىت باشقۇرۇش كومتېتى ھۆكۈمەت تورىدا خەۋەر تارقىتىپ ، نۆۋەتچى ئايرىپىلانلارنىڭ كىچىكىشىنىڭ سائەت 14ئەتراپىدا غەرەپ تەرپتىكى ئۇچۇش لىنىيەسىنىڭ ئۇچۇش سىغمىنى تىزگىنلىگەنلىكتىن غەرىپ تەرەپكە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايرىپىلانلارنىڭ ئۇچۇش نۆۋىتىگە چەك قۇيۇلغانلىقىنى ، كىچىكىشنىڭ بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ،سائەت 17 ئەتراپىدا ئۇچۇش يۇلىغا چەك قۇيۇش ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ ، نۆۋەتچى ئايرىپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى تەدرىجى نۇرماللاشقانلىقىنى بىلدۇردى . ئۇچۇشنى باشقۇرۇش كومتېتى يەنە نۆۋەتچى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇچۇشنى قويۋىتىشنى تىزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇدى .
تۈنۈگۈن سائەت 16دىن 44مىنۇت ئۆتكەندە ، خەينەن ئاۋاتسىيەسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى توردا : «بېيجىڭنىڭ غەرب تەرەپ ئاۋاتسىيە لىنىيىسى توسۇلۇپ قېلىپ ، ئاۋاتسىيە يولىدا ئۇچۇشنى چەكلەشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، ھازىر قىسمەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى تىزگىنلىگىلى خېلى ۋاقىت بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن ھازىرغا قەدەر قويۇۋېتىش ۋاقىت پىلانى يوق . خەينەن ئاۋىئاتسىيە بېيجىڭ بازىسى ئاۋاتسىيە زور كۆلەمدە كېچىكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كاپالەت لايىھىسىنى قوزغاتتى ، كەڭ يولۇچىلارنىڭ سەپەر پىلانىنى تەڭشىشىڭلارنى سورايمىز»دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلغان . بۇ شۇنداقلا نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى بىردىن بىر ئاۋىئاتسىيە شىركىتى .

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش