نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 646 قېتىم كۈرۈلدى
باشقىلارغا قان بەرگەن ئاق كۆڭۈل قىز كۆرمەس بولۇپ قالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -15
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : 65933.com

نېڭبودا بىر قىز ئوقۇغۇچى قان بەرگەندىن كىيىن ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ كېتىپ سول كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى قان مەركىزى ئۆزىنى چەتكە ئالدى.
بۇنچە كۆپ داۋالىنىش چىقىمىنى كىم ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.نېڭبولۇق قىزچاقنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىدىن قاچتى.
بىر ھەپتە ئىلگىرى نېڭبولۇق شىئاۋ ئەپەندى نېڭبو مەركىزى قان پونكىتىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قىزى شىئاۋ خۈئىينىڭ (ئۆزگەرتىلگەن) ئىشى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ ئېرىشكەن جاۋابى رەھبەرلەر ھازىر ناھايىتى ئالدىراش كۆرۈشۈشكە ۋاقتى يوق دېگەندەك گەپلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىۋاتاتتى.
ئۇ بۇنىڭغا ئوخشاش باھانىلەر بىلەن بىر قانچە قېتىم ئىشىك تۈۋىدىن قايتىپ كەتتى، نېڭبو شەھەرلىك خەيرى-ساخاۋەت ئورنى شارائىت تولۇق ئەمەس دەپ شىئاۋ شاۋ خۈئىينىڭ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.
شىئاۋ ئەپەندىمنىڭ چۈشىنەلمىگەنلىكى شۇكى، قىزى قان بەرگەندىن كىيىن يىقىلىپ كېتىپ سول كۆزى مېيىپ بولۇپ قالغان، قىزىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۆيىدىكىلىرى 50مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلىگەن، نۆۋەتتە ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن يەنە 70مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتەتتى، ئەمما تا ھازىرغىچە بىرەر ئورۇنمۇ بۇ ئىشقا مەسئۇل بولۇپ تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانلىقى بولدى.
شىئاۋ خۈۋىي مەيۈسلەنگەن ھالدا: مەن ئۇ قېتىمقى ھەقسىز قان تەقدىم قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن دېدى. بۇندىن كىيىن بىرەرسى ياردەمگە موھتاج بولسا ئۇ يەنە ياردەم قولىنى سۇنماسمۇ؟

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش