نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 740 قېتىم كۈرۈلدى
تۇرسۇنمۇھەممەد توختى چېمپىيون بولدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -14
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-سېنتەبىر گۈيياڭ خەۋىرى (پەرھات يۈسۈپ، پولات ئاماننۇرى خەۋىرى، فوتوسى):

11-سېنتەبىر گۈيجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە زالىدىن كىشىنى تولىمۇ شادلاندۇرىدىغان بىر خۇش خەۋەر تارقالدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماھىرى تۇرسۇنمۇھەممەد توختى تېبەتچە چېلىشىش تۈرى 52 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە يۈننەن ماھىرى ۋاڭ خېگاڭ، سىچۈن ماھىرى چۈبخىش، گۈيجۇ ماھىرى خې جيەنلۇڭ، چۇڭچىڭ ماھىرلىرى لى يۇڭشى، بۇخجالارنى يېڭىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى چېلىشىش كوماندىسىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى چېمپىيونلۇقى ھېسابلىنىدۇ.

 

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

تۇرسۇنمەھەممەد توختىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

تۇرسۇنمۇھەممەد توختى 1983-يىلى خوتەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. چېلىشىش تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 11 يىل بولغان. ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن 7-، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىمۇ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. بۇ ئۇنىڭ 3-قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
تۇرسۇنمەھەممەد توختى تېرىنېرلار بىلەن بىرگە
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش