نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 830 قېتىم كۈرۈلدى
تۇرسۇنتوختى رەقىبىنى يەر چىشلەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -14
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-سېنتەبىر گۈيياڭ خەۋىرى (مۇخبىر پولات ئاماننۇرى):

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى يەنى 11-سېنتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماھىرى تۇرسۇنمۇھەممەد توختى مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى تېبەتچە چېلىشىش تۈرى 52 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە چېمپىيون بولغانىدى. بۈگۈن تۇرسۇنمۇھەممەد توختىنىڭ چوڭ ئىنىسى تۇرسۇنتوختى مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى چاۋشيەنچە چېلىشىش تۈرى 52 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە چېمپىيون بولدى. بىر ئائىلىدىن چىققان بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكا ئىككى كۈندە ئىككى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

ئەمدىلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلەردە بۇ ئائىلىدىكى 3-پالۋان روزىتوختى مەيدانغا چۈشىدۇ. ئەگەر ئۇمۇ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرسە، بىر ئائىلىدىن مۇسابىقىگە قاتناشقان بۇ ئۈچ ئەزىمەتنىڭ ئۈچىلىسىلا بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىدۇ.

 

تۇرسۇنتوختىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

تۇرسۇنتوختى 1985-يىلى خوتەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 18 يېشىدىن باشلاپ، چېلىشىش تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۇرسۇنتوختى ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چاۋشيەنچە چېلىشىش تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدال، يىزۇچە چېلىشىش تۈرى بويىچە كۆمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
Www.AnAdiyar.Cn 
 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى : قانغۇچە كۈلۈۋېلىڭ

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش