نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 820 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ۋە قىسقارتىش جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلەند ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -31
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ۋە قىسقارتىش جەمئىيىتى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدا جەمئىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەت كومىسسارى دەي بىڭگو، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جيېچى يىغىننى تەبرىكلىدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، ئالاقىدار ھەربىي ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 180 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ۋە قىسقارتىش جەمئىيىتى 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ مەخسۇس ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كونترول قىلىدىغان، قىسقارتىدىغان، قورال-ياراقلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە تاشقى ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان ئەلئارا تەشكىلات.
 
تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى
 
 
 
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش