نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 3478 قېتىم كۈرۈلدى
بازا تەشكىلاتىنىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىۋېشى راخمان ئېتىپ تاشلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -28
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : WWW.NEWS.CN

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بازا تەشكىلاتىنىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىۋېشى راخمان 22-ئاۋغۇست پاكىستاندا ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. بۇ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: راخمان پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ۋەزىرىستاندا ئېتىپ تاشلاندى. ئۇ راخماننىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىغا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى. راخمان لىۋىيەلىك بولۇپ بىن لادىن ئېتىپ تاشلانغاندىن كېيىن بازا تەشكىلاتىنىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىۋېشى بولغان، ئۇ ھازىر بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى زاۋاھىرنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۈندىلىك قوماندانلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل. ئۆتكەن يىلى تارتقۇلار راخماننىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن ئىدى، بىراق بۇ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن بازا تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى. بۇ قېتىم راخماننىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئامېرىكا ئەمەلدارى بىلدۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا راخمان ھەقىقەتەن ئۆلدى دەپ قارالدى.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش