ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
يىراقلارغا كەتمە ، ئەزىزىم

 


 

يىراقلارغا كەتمە ، ئەزىزىم


 

مۇھەممەدجان راشىدىن


 

يىراقلارغا كەتمە ، ئەزىزىم،
يىراق يەرنىڭ تەشۋىشى تولا.
ياخشى ئەمەس ئايرىلىپ ياشاش،
ئايرىلغاننىڭ كۆزيېشى تولا.


 

يىراقلارغاكەتمە ، ئەزىزىم،
بارالمايمەن كەينىڭدىن ئىزدەپ.
يىراق يەردە سىنى دۈشمەنلەر،
ئازدۇرىدۇ : «ئاشىقىڭ بىز »دەپ،


 

يىراقلارغا كەتمە ، ئەزىزىم،
يىراق يەردىن كەلمىكىڭ تەستۇر،
غەملىرىڭدە مىنىڭ بۇ كۆڭلۈم،
سەن كەلگىچە تىنچ ئەمەستۇر.


 

يىراقلارغا كەتمە ، ئەزىزىم،
بارالمايمەن،يوللىرى يىراق.
چۈشلىرىمگە كىرگىنىڭ بىلەن،
ئويغانسام يوق ئوڭۇمدا بىراق.


 


--ئاينىڭ-كۈنى، غۇلجا .


 

 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776