ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
مۇھەببەتتە كۈندەشلەر تولا

 


 

مۇھەببەتتە كۈندەشلەر تولا


 


مۇھەممەدجان راشىدىن


 


دەرەخ بولماس بوراندىن خالى،
كىشى بولماس خىيالدىن خالى.


 

خىيال سۈرسەڭ سۈرىۋەر، ئەمما،
يۈرمە ئىشەنچ-ئىماندىن خالى.


 

مېنىڭ كۆڭلۈم ساڭا بەخشەندە،
قايدا بولسام گۇماندىن خالى.


 

ئىشەن يارىم، ساڭا ئىخلاسىم
سۈزۈك تاڭدەك تۇماندىن خالى.


 

باغقا كىرسەڭ بايقاپ يۈر گۈلۈم،
باغلار ئەمەس پاراڭدىن خالى.


 

مۇھەببەتتە كۈندەشلەر تولا،
دۇنيا ئەمەس ياماندىن خالى.


 

 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776