ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
يارىمغا مەكتۈپ (مۇھەممەتجان راشىدىن)

 


 

يارىمغا مەكتۈپ


 


مۇھەممەتجان راشىدىن


 


كېلەر بولساڭ، بۈگۈن كەل يارىم،
تاڭلا كەلسەڭ ، بۇچىرايىم يوق.


 

ئۆمۈر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ،
ياشلىق دىگەن بىزدە دائىم يوق.


 

ئارىسىدا يىگىت - قىزلارنىڭ،
بۈگۈن كەلگىن ئەتە جايىم يوق.


 

تەنھالىققا كۆنمەيمەن ئەمدى،
كەتتى كۈنلەر ياندا يايرىم يوق.


 

مەن تاقەتسىز تۇغۇلۇپتىمەن،
كۆپ تاقەتكە ئىقتىدارىم يوق.


 

بۇجاھانغا سېنى دەپ كەلدىم،
سەن بولمىساڭ ئېتىبارىم يوق.


 

تاڭلا كۆرسەڭ تانارسەن بەلكىم،
ئۇندىن ئۆزگە مەندە ۋايىم يوق.


 

قانداق كىرەي باغلارغا يالغۇز،
جەننەتكىمۇ سەنسىز رايىم يوق.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776