يالغۇز ياشايمەن
مۇھەممەتجان راشىدىن
بىلەر بولساڭ كۆڭۇل ئاياشنى،
تېڭىپ يۈرمە تاياققا تاشنى.
خارلانغاندىن بىۋاپالارغا،
ئەۋزەل كۆردۈم يالغۇز ياشاشنى.
پىيالەڭدە شەربەتمەن، چايمەن،
ياقتۇرمىساڭ يالغۇز ياشايمەن.
ئىشەنگەنلەر تاپقان پۇلىغا،
ئوخشاتمىسۇن مېنى قۇلىغا.
تىكەن دەيمەن تەكەببۇرلارنى،
رايىم بارماس تۇتقان يولىغا.
ئاسماندىكى شۇنداق بىر ئايمەن،
مەنمۇ ئايدەك يالغۇز ياشايمەن.
سوراپ يۈرمە مەن سۆيگەنلەرنى،
سۈرۈشتۈرمە مەن كۆيگەنلەرنى.
ئىزدەپ يۈرەر مېنىڭ يۈرىكىم،
ئۆزى بىلەن تەڭ كۆرگەنلەرنى.
پۇلغا گاداي، ۋىجدانغا باي مەن،
ۋىجدان بىلەن يالغۇز ياشايمەن.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776