كۈنلەر ئالبۇمى
مۇھەممەتجان راشىدىن
گاھ كۈلۈپ كەلدىم مەن تېلىقىپ،
گاھ يىغلاپ ئۇنتۇدۇم كۈلگىنىمنىمۇ.
سۆزلەيدۇ شۇلارنى كۈنلەر ئالبۇمى،
داق يەرگە قانداقچە كۆنگىنىمنىمۇ.
تاللاشتا قالغاننى چەك تارتىپ ئالدىم،
بىلمىدىم شۇمىكىن«تەلەي» دىگىنى.
ئالەمنىڭ بىر كۈنى توي بوپ تۇيۇلدى،
بىر كۇنى تەڭرىنىڭ ئۆگەيلىگىنى.
چىنپۈتمەي «ياق، ئالەم - ئاق نان» دېگەنلەر
نە ئۈچۈن زاغرىنى قويدۇڭ شىرەگە؟
ھاياتنى ماختىساڭ توي - مەرىكە دەپ،
ئېيتقىنا، ھازىنى قويىسەن نەگە؟
ئىشىكىم ئالدىدا بىر تۈپ چوڭ سېدە،
قۇشقاچلار غەۋغاسى بىسىلماس ھەر كۈن.
كۈنلەر گاھ بىزگىمۇ تۇيۇلار شۇنداق،
قوينىدا يا يانغىن، يا قىيان - كەلكۈن.
قىينالدىم كۈنلەرگە سىزالماي سۈرەت،
يادىمغا يەتمەپتۇ تاغلار ئاسمىنى.
بەزىدە كۈن چىقسا جانان ھۆسنىدەك،
بەزىدە قامچىلار شىۋىرغان سېنى.
قايسى بىر كۈنلەردە كاتاڭلار مىسال،
چايقىلىپ بارىدۇ ھايات ھارۋىسى.
بىرىگە كۆز ياشلار ئۆزى خاتىرە،
بىرىدە قاينايدۇ بەخت ھالۋىسى.
سۇبھىدە ئويغىنىپ ئات ئىگەرلەيسەن،
ھەر كۈنى گۇگۇمنى قارارگاھىم دەپ.
كىمگىدۇر ئالىيىپ ئۆتكۈنىڭ راستتۇر،
كىمگىدۇر سالاملار بىرىپ شاھىم دەپ.
تىلەيدۇ ئادەملەر ئاسايىشلىقنى،
تىلەكلەر تىلەكچە قالدى ئۇھ تارتىپ.
ھەر كۈندىن سورىساق ۋەجىنى ئۇنىڭ
شۇلارنىڭ ئۆزىگە قويۇشتى ئارتىپ.
قارىدىم ئادەملەر توپىغا شۇئان،
ئاختۇردۇم شۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى.
بىرلىرى مېنىڭدىن تىلەيدۇ ئېھسان،
بىرلىرى دالىدا سۆيەر يارىنى.
دېمەككى، ھەر كۈندە مىڭ سەۋدا، ھېكمەت ...
گەپ - سۆزۈم كۈنلەرگە يۆتكەلدى يەنە.
قولۇمدىن بىر خىزىر تۇتتى باشقىدىن،
يېتىلەپ كۈنلەرگە ئېپ كەلدى يەنە.
سۈرەتكە تولۇپتۇ كۈنلەر ئالبۇمى،
ئاختۇرساڭ، بەرى بار ياخشى - ياماننىڭ.
ئاقىدۇ بەزىدە شارقىراپ دەريا،
گاھ سۇلار يولىدۇر ئاستى ساماننىڭ.
ئاپەتلەر شۇلارنىڭ ۋەجىدىن بولدى،
جاڭجاللار ھەتتاكى بەزى كۈنلەرنىڭ.
ئاز دەمسەن دۇنيادا شەيتاننىڭ پۇشتى،
-ئىشى - دەپ سورىساڭ زادى كىملەرنىڭ
قىسمەتسىز تارىخنى كۆرمىدۇق تېخى،
كۈنلەرگە قىسمەتلەر ئۆزى ئەنئەنە.
بىرلىرى قەلبىمدە چاقنايدۇ نۇرلار،
قىلىدۇ بىرىدە تۆھمەت تەنتەنە.
تىرىكلىك ئوتىنى يېقىپتۇ تەڭرىم
زاماننىڭ ھەر قىسمەت ئوچاقلىرىغا.
ھەيرانمەن كۈنلەرنىڭ ھېكمەتلىرىگە،
سەپسالدىم يىللارنىڭ قۇچاقلىرىغا.
تۈمەنلەپ كۈنلەردىن تولدى ئالبۇملار،
ۋاراقلاپ تۇرىمەن كۈندە بىر توختاپ.
ياشلىقتا شۇ بوپتۇ سەھۋەنلىكلىرىم:
كۈنلەرنىڭ بىرىنى كەپتىمەن ماختاپ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776