ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن

 


 

سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن


 

مۇھەممەتجان راشىدىن


 


بۇ دۇنياغا تەڭرىم چاچقان ئاددى بىر دانمەن،
ئەتىمالىم  ئەلمىساقتىن شۇڭا دېھقانمەن .
قەلەملىرىم ئۆمۈر بويى ئانىلارغا قۇل،
دىمەك ئاۋال سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن.


 

خىياللىرىم كىزىپ يۈرەر مەھەللەڭلارنى،
بىلمەيسىلەر، ئۆيۈڭلاردا كۈندە مىھمانمەن.
يوشۇرمايمەن يۈرىكىمنى بىلگۈڭلار كەلسە،
شوئارىم شۇ: تەشناغا سۇ، ئاچلارغا نانمەن.


 

پەزىلەتتە ئانىلارنى كامالەت دەيمەن،
لىكىن ئۆزەم دىيانەتتە جىمىدىن خاممەن.
ئارمىنىم بار، دەرمىنىم يۇق، شۇڭا سىلەرنى
تەسۋىرلەشكە كەچۈرۈڭلار، تالايدىن كاممەن.


 

تونۇرلاردا پىشقۇم كىلۇر سىلەر نان ياققان،
قايدا بولسام سىلەر بىلەن بىر جان بىر تەنمەن.
چىنپۈتمەيمەن ، نۇر بار دىسە يازغانلىرىمدا
لېكىن ئۆزەم سىلەر ئۈچۈن يېقىلغان شاممەن .


 

سىلەر سوزغان لەغمەنلەرگە تاپالماي تەسۋىر،
ياشلىقىمدا قانچە قىتىم داغدا قالغانمەن.
سىرلىرى شۇ ئەل ماختىغان شائىرلىقىمنىڭ،
مەن ئىلھامنى سىلەر ياققان ناندىن ئالغانمەن.


 

ئۇۋىسىدىن ئۇچقان قىزلار ئانا بولماقچى،
شۇڭا قىزىم شەرىپىگە بەزمە قۇرغانمەن.
تاللا دېسە بۇ دۇنيالىق تۆھپىكارلارنى،
ئەڭ ئاۋىلى ئانىلارغا چاۋاك ئۇرغانمەن.


 

ئانىلارسىز ئامىتىممۇ ، قامىتىممۇ يوق ،
سىلەر بىلەن خەمەك تاشلاپ، پىلەك يايغانمەن
قىلىپ قۇيۇپ ئەزىز ئانام « قىلما » دىگەننى،
يوشۇرمايمەن، كۈندە تېنەپ، كۈندە قايغانمەن.


 

چاڭقىغاندا ئانام تۇتقان چۆمۈچنى كۆرسەم،
قانچە قىتىم سۇ ئىچمەيمۇ سۇغا قانغانمەن .
بىرتال چىچى كۆيۈپ كەتسە قىزىق تونۇردا،
چىدالماستىن مەنمۇ شۇئان كۆيۈپ يانغانمەن.


 

قەيسەرلىكنىڭ سىلەر بەرگەن قىلىچى بىلەن،
تالاي جاپا - مۇشەققەتنى يولغا سالغانمەن.
قانداق روناق تاپتىڭ؟ دىگەن سوئال نە ھاجەت،
چۈنكى سىلەر ماڭغىن دىگەن يولدا ماڭغانمەن.


 

ئانىلارنىڭ دۈشمىنى يۇق شايتاندىن ئۆزگە ،
زۆرۈر بولسا بىغىڭلارغا قاشامەن - تاممەن.
تەبرىكلەيمەن ئەلدىن ئاۋال بايرىمىڭلارنى،
چۈنكى ئەسلى سىلەر ئۈچۈن شائىر بولغانمەن.


 

 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776