گۈزەللەر
مۇھەممەتجان راشىدىن
بۇ دۇنيانى ئويلامسىلەر گۈزەللەر ؟
ئۇ دۇنيانى ئويلامسىلەر گۈزەللەر؟
ئۆمرۈڭلاردىن گۈزەل ياشلىق كەتسىمۇ،
دائىم شۇنداق ئوينامسىلەر گۈزەللەر؟
قايسى باغنىڭ گۈلى ئىدى تەكتىڭلار؟
ئەجەب نۇرغۇن ئىشىكلەرنى چەكتىڭلار؟
بىرەر قېتىم باشلىماستىن باغقا سۇ ،
ئويۇن بىلەن ئېچىلامدۇ بەختىڭلار؟
تۇيۇق يولدا مېڭىۋەرمەڭ گۈزەللەر،
چاتقاللاردا يۈرىۋەرمەڭ گۈزەللەر
بۇ ئۆمۈرگە بەڭۋاشلىقنى باقىي دەپ،
خام خىياللار سۈرىۋەرمەڭ گۈزەللەر.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776