ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئوخشايمىز

 


 

ئوخشايمىز


 


مۇھەممەتجان راشىدىن


 


ئۇلۇغلۇقتا ئىنسانلار ئاپئاق  نانغا  ئوخشايمىز،
بىرى تىكەن، مىڭى گۇل - گۇلىستانغا ئوخشايمىز.


 

خوشاللىقى ئالەمنىڭ تۆرۈلىدۇ بىزلەردىن،
كۆمۈش دىسەڭ كەم بولۇر، ئالتۇن كانغا ئوخشايمىز.


 

سەييارىمىز بىر بىزنىڭ، ئۈستىمىزدە بىر قۇياش،
ئىككى دۇنيا ئايرىلماس قەدىردانغا ئوخشايمىز.


 

كۆڭۈللەردىن كۆڭۈللەر ئىچكەن سۇنى ئوخشۇتۇش
دۇرۇس بولسا، مەن دەيمەن: خۇددى بالغا ئوخشايمىز.


 

تاڭ ئاتقىچە كۇن پىتىپ بىز بار يەردە گۇگۇم يوق.
رۇخسارىمىز ئايدىن ئۇز، نۇرلۇق شامغا ئوخشايمىز.


 

ھۆرمەت بىلەن ئىززەتنى بايلىق دەيمىز بىھىساب.
تەسۋىرلىسەڭ، تاجى بار خۇددى خانغا ئوخشايمىز.


 

ياپرىقىمىز، گۇلىمىز بۇ ئالەمنى بىر ئالدى.
دەرەخ دىمەڭ، ياق تىخى يىشىل تالغا ئوخشايمىز،


 

ئورۇن بەرمەس سەھۋەنگە ئىنسانلاردا سەلتەنەت،
ياخشىلارغا ياراشقان شەرەپ - شانغا ئوخشايمىز.


 

بىر قەترىدىن يارالدۇق، مۇھەببەتتىن تارالدۇق،
يىلتىز تارتىپ ئۈنسۇن دەپ چاچقان دانغا ئوخشايمىز.


 

چولپانلىرى تۇمەنمىڭ، تۇمار ئاسسا ئەرزىيدۇ.
جامالىغا ئالەمنىڭ چەككەن خالغا ئوخشايمىز،


 

بىز بولىمىز ئەڭ ئاۋال يەر يۇزىنى ئويغاتقان.
تىلسىملارنىڭ كۆزىدە سۇزۇك تاڭغا ئوخشايمىز،


 

نەدە بولغاي ئالەمدە خەتەرلەردىن خالىي يول.
دەرياسىدا ھاياتنىڭ ئاققان سالغا ئوخشايمىز،


 

ئىنسان دىگەن ئىللەتسىز بولمايدىكەن شۇندىمۇ.
بىرلىرىمىز نۇرى يوق غۇۋا شامغا ئوخشايمىز،


 

بىرلىرىمىز مىڭ ئەپسۇس قانائەتنى بىلمەيمىز.
پايدا - نەپنىڭ ئالدىدا چوڭقۇر ھاڭغا ئوخشايمىز،


 

كەچۇر بىزنى گۇل -گىياھ، كەچۇر بىزنى كائىنات،
بىردە باھار، بىردە قىش - قەھرىتانغا ئوخشايمىز.


 

 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776