ئەللەر سېنى يامان دىسىمۇ
مۇھەممەتجان راشىدىن
ئەللەر سېنى يامان دىسىمۇ ،
يامان دىگۈم كەلمەيدۇ مىنىڭ .
بىرتال ئالما تاپساممۇ شۇڭا ،
سەنسىز يىگۈم كەلمەيدۇ مېنىڭ .
ئەللەر سەندىن سەزگەن ئىۋەنلەر ،
كۆرۈنمەيدۇ مېنىڭ كۆزۈمگە .
بۇنىڭ ئۆزى مۇھەببەت دىسەم ،
بارچە ھەيران قالدى سۆزۈمگە .
چىرايلىقلار چىرايلىق ئەمەس ،
ھەركىم كۆڭلى سۆيگەن چىرايلىق .
مېنىڭ ئۈچۈن گۈلۈستان شۇڭا ،
سەن كۆرۈنگەن جاڭگال -قورايلىق .
تاشلىغاننى بىرى چالما دەپ ،
ئالغىنى راست بىرى ئالما دەپ .
قىلالمايسەن يۈرەككە ھۆكۈم،
كۆرۈنگەنگە كۆزۈڭ سالما دەپ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776