يامغۇر ياغقان ھېلىقى ئاخشام
( شېئىر )
( ئاپتور : مۇتەللىپجان مۇھەممەت ئىلتەبىر )
يامغۇر ياغقان ھېلىقى ئاخشام،
سىنى قانداق قىلغاندۇ دېدىم.
ھەر بىر قەدەم، ھەر بىر سائەتتە،
ئانا، سىنىڭ غىمىڭنى يىدىم.....
ئاجىز ئىدى ئۆينىڭ ئۆگزىسى،
نەچچە قېتىم ئۆتكەنتى يامغۇر.
پاخال، سامان ئۇچۇپ چۈشەتتى،
سىرتتا شامال چىققاندا غۇر-غۇر...
دەيتتىم ئانا ساڭا ھەمىشە،
قەۋەتلىك ئۆي سېلىپ بېرىمەن،
تاشلىۋەتكىن ھاساڭنى ئەمدى،
ئېسىل پىكاپ ئېلىپ بېرىمەن
ئەپسۇس، ئانا دېگەنلىرىمنى،
ئەسلا بەجا كەلتۈرەلمىدىم .
ئاق سۈتۈڭنىڭ قەرزىنى ئاقلاپ،
سىنى بىر رەت كۈلدۈرەلمىدىم.
شۇنداقتىمۇ كېچە - كۈندۈزلەپ،
بەختىم ئۈچۈن قىلىسەن دۇئا.
تەڭرىدىنمۇ ئۇلۇغسەن ئانا،
سەن دىلىمدا مۇقەددەس خۇدا
يامغۇر ياغقان ھېلىقى ئاخشام،
تاڭ ئاتقۇچە كەلمىدى ئۇيقۇم.
ئىشەن ئانا، ئوغلۇڭ سەن ئۈچۈن ،
جەننەت يۈدۈپ كېلىدۇ چوقۇم
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776