ماڭا سەن كېرەك
ئوغلان شېئىرى
مەست يۈرۈيدۇ دەپ كۈندە مېنى،
بۇيرۇپ يۈرمە ھەرگىز ئەيىبكە.
بۇندىن بۇرۇن ئەمەستىم ئامراق،
ھاراق دېگەن نىجىس كەيىپكە.
ئەجەبلىنىپ ئۆزۈمگە بۈگۈن،
نېمە بولدۇم دەپ قويدۇم سۇئال.
جاۋاپ بەرگىن ماڭا يۈرۈگۈم،
نېمە سەۋەپ قېلىشقا بۇ ھال؟
"مۇھەببەتتۇر ئاساسلىق سەۋەپ"
دەپ يۈرەكتىن كەلدىغۇ نىدا.
"سۆيگەچ سەن پەقەت بىر ئۇنى،
ئاتىۋەتكەچ بارىڭنى پىدا.
سېلىپ مېنىڭ بوينۇمغا يۈگەن،
قامالدىم سۆيگۈ قەسرىگە مەن.
تارتسا بويسۇنماي يوقتۇر ئامال،
كۆڭۈل بۇيرىغان يەرگە بۇ تەن."
خاتىمە:
ئىسپىرت بىلەن بولغاندا ناركوز،
ئاندىن توختار يىغىدىن يۈرەك.
يېشىلگەندە تەكرارلار يانا:
"باشقا ئەمەس، ماڭا سەن كېرەك."
(-يىل -نويابر، ئۈرۈمچى)
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776