ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
كېرەككەن (مۇھەممەتجان راشىدىن)


كېرەككەن


 

مۇھەممەتجان راشىدىن


 

ئىنسان كۆڭلى راھەتنى كۈندە ئىزدەپ ئاۋارە،
جاپانىمۇ بەزىدە ئويلاپ قويۇش كېرەككەن .
سەللەم بىلەن سەجدەمغۇ كاپالىتى جەننەتنىڭ ،
شۇنداقتىمۇ ئاز تولا ئويناپ قويۇش كىرەككەن .


 

ئىشلەتمىگەن ئەقىلنى چاينالمىغان تائام دەڭ ،
مەيلى ئۇماچ ئىچسەكمۇ چايناپ قويۇش كېرەككەن.;
جان بەرگەنلەر ھەق ئۈچۈن كەتتى ئۆچمەس شەرەپتە،
 ئەڭ بولمىسا ئىنساندەك قايناپ قويۇش كېرەككەن .


 

«دوست بار يەردە دۈشمەن بار»دىگەن گەپتە سەۋەن يوق ،
ياخشى گەپنى ناخشا ،دەپ ئاڭلاپ قويۇش كېرەككەن .
ئەھلى ئادەم بولماق تەس ،ئادىمىيلىك بولمىسا،
قۇشجانلارمۇ «قۇش بىز»دەپ سايراپ قويۇش كېرەككەن .


 

ئىچەرمەن دەپ ئات قويما ئىچكەنلەرگە ئالدىراپ ،
ئۇلارنىڭمۇ دەردىنى ئاڭلاپ قويۇش كېرەككەن .
ئاۋايلىماي سۆزلىگەن يېقىن ئىكەن بالاغا،
تەنتەك تىلنى بەزىدە باغلاپ قويۇش كېرەككەن.

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776