بىر كۈنى
مۇھەممەدجان راشىدىن
بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
ئامان بولسا، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.
گەدەنكەشلىك ھىچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى.
ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۈنى .
<ئاق&t;نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس-پۇشايمان،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى.
كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر،
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى.
تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى.
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار، ۋاقتى بار،
خۇددى سەندەك ئ تۇتۇپ، ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى.
كۆندۇرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى.
بىز ئوينىغان نورۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى.
پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا،
يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
ئوغۇل-قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.
شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۇپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى.
يامان دىسەڭ بالاڭنى، كىم بىرىدۇ ياخشىنى،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776