ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئاناڭنىمۇ سېغىنىپ قويغىن (ئابدۇرىھىم مۇھەممەت)


ئاناڭنىمۇ سېغىنىپ قويغىن


 

ئابدۇرىھىم مۇھەممەت


 

جاھان كەزگەن  بەڭۋاش بالىلار،
ئاناڭنىمۇ سېغىنىپ قويغىن.
غەم كۆرمىگەن، ئەقلى چالىلار،
ئاناڭنىمۇ سېغىنىپ قويغىن.


 

پۇللىرىڭنى كۈتمەس مەزلۇمكەن،
سەن بولمىساڭ كۆنمەس مەزلۇمكەن،
سەن كۈلمىسەڭ كۈلمەس مەزلۇمكەن،
ئاناڭنىمۇ سېغىنىپ قويغىن.


 

شەھەرلەردە ئوينايدىغانسەن،
ئاۋاتلىققا تويمايدىغانسەن،
«ئانام...» دەپمۇ قويمايدىغانسەن،
ئاناڭنىمۇ سېغىنىپ قويغىن.


 

جاھان تۇتقان سەن ئۈچۈنلا ئۇ،
قازان ئاسقان سەن ئۈچۈنلا ئۇ،
داۋان ئاشقان سەن ئۈچۈنلا ئۇ،
ئاناڭنىمۇ سېغىنىپ قويغىن.


 

ئەسلەر سېنى ئۈنگەندە كۆكلەر،
باچكىلارغا چىققاندا تۈكلەر،
جۇۋازچىغا ئاپارسا يۈكلەر،
ئاناڭنىمۇ سېغىنىپ قويغىن.


 

كەل، «ئانام غەم يىمىسۇن» دېسەڭ،
غەمسىز ياشاپ قېرىسۇن دېسەڭ،
بىر نەچچە يىل چىدىسۇن دېسەڭ،
ئاناڭنىمۇ سېغىنىپ قويغىن.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776