ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئادەملەرنى پۇل ئىمتىھان قىلماقتا


ئادەملەرنى پۇل ئىمتىھان قىلماقتا


 

مۇھەممەتجان راشىدىن


 

پۇل بار يەردە سەنمۇ بار ،پۇل بار يەردە مەنمۇ بار ،
پۇل بار يەرگە ھەتتاكى بىللە باردى خوتۇنمۇ .
كۈچ -قۇدرەتنى پۇلدىكى تەرىپلەيدۇ بەزىلەر ،
پۇلنى كۆرسە كۆيەرمىش كۆيمەيدىغان ئوتۇنمۇ .


 

پۇلى بارنىڭ غادىيىپ مېڭىشىمۇ باشقىچە ،
پۇل بەرگەندەك تۇيۇلدى ئادەملەرگە كىبىرنى .
ھەقلىقمىدۇ پۇل تاپقان بايلار كەبى غادايسا ،
ئېگىز تاغلار مەنسىتمەي يېنىدىكى ئېدىرنى ؟


 

چىقىپ قالغان بۇزۇقتەك ئەھلى يۇرتنىڭ ئاغزىغا ،
يامان ئاتاق ئەپ قالدى يامان قوللار تۇتقان پۇل .
پۇل ئەمەستۇر گۇناھكار ،يامان قوللار گۇناھكار ،
يېتىم قېلىپ بالىلار ،ياخشى خوتۇن قالدى تۇل.


 

پۇل بار يەردە پاراغەت ،پۇل بار يەردە جىنايەت ،
ياخشى بىلەن ياماننى سىنايدىكەن پۇل دېگەن .
يۈگۈرۈپ يۈرەر بۇيرۇساڭ بېشى بىلەن يولۇڭدا ،
پۇلنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ بۇ دۇنيادا قۇل دېگەن ؟


 

يامانلارنىڭ قولىدا خارلىنىدۇ بىچارە ،
پۇل بار يەردە زىنا بار ،پۇل بار يەردە گۇناھ بار .
ياخشىلارنىڭ قولىدا پۇل تەقدىرگە ئوخشايدۇ ،
پۇل بار يەردە خىزىر بار،پۇل بار يەردە ئىلاھ بار .


 

يامان قوللار تۇتقان پۇل ھەشەمەتكە ئۇل قويدى ،
توي-تۆكۈنلەر بايلىقنىڭ تەنتەنىسى بوپقالدى .
ئۇلار تۇتقان دۇنيانى شەيتان بىللە خەجلەيدۇ ،
يامانلارنىڭ ئۇزاقتىن ئەنئەنىسى بوپقالدى .


 

ياخشىلارنىڭ يانچۇقى ئۆز خەلقىگە غەزىنە ،
ئايىمايدۇ ياخشىلار ئۆز يۇرتىدىن جېنىنى .
ياخشىلارنى ئىمتىھان قىلسا ئەگەر گادايلىق ،
بۆلۈپ يەيدۇ ئۆزىدەك نامرات بىلەن نېنىنى .


 

پۇلدىن كۆرمەڭ ،كىمنىڭدۇر ئىنسابىغا ئوت كەتسە ،
چۈنكى پۇلنىڭ تەغدىرى ئادەملەرنىڭ قولىدا .
پۇل ئىمتىھان قىلماقتا ياخشى بىلەن ياماننى ،
سىناپ بارار سىزنىمۇ تىرىكلىكنىڭ يولىدا .


 

پۇل ئىمتىھان قىلماقتا ئادەملەرنى بۈگۈنمۇ ،
ئادەملەرنىڭ قەلبىدىن نۆل ئالغانلار ئۆچمەكتە .
شۇ سىناقتىن ئۆتكەنلەر ئەل ئاغزىدا يادلىنىپ ،
يۈرەكلەردىن -يۈرەككە داستان بولۇپ كۆچمەكتە .


 

"پۇل بەزىدە چاكاردۇر ،پۇل بەزىدە خوجايىن "،
ئەمما ئۇندا سېھىرلىك بىر سىنچىدەك خىسلەت بار .
بىلىپ قويسۇن ۋە لېكىن پۇلنى كۆرۈپ قۇترىغان ،
رەزىللەرنىڭ بېشىدا تۈمەن تۈرلۈك خىسلەت بار.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776