ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئۈرۈمچى (مۇھەممەتجان راشىدىن)


ئۈرۈمچى


 

مۇھەممەتجان راشىدىن


 

ھۇزۇرۇڭدا بىر مەھەل يۈرۈپ قايتتىم ئۈرۈمچى ،
ياخشىلاردىن ياخشلىق كۆرۈپ قايتتىم ئۈرۈمچى ،
يامانلاردىن كۆڭلۈم غەش بۇلۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى ،
يانچۇقلىرىم بەك بالدۇر قۇرۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى ،
بۇ ئىشلارغا ئۆزۈمچە كۈلۈپ قايتتىم ئۈرۈمچى .


 

ماختىغانلار كۆپ سېنى مەنمۇ شۇنداق ماختايمەن ،
ماختىمىسام قانداقچە ھەق ئادەمگە ئوخشايمەن؟
بۇ نەزمىدە ۋە لېكىن كەچمىشىمگە توختايمەن ،
يۇشۇرمايمەن كۆرگەننى يالغان گەپنى قوشمايمەن ،
گاھ تالادا گاھ ئۆيدە قۇنۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .


 

تۇتۇۋېلىپ ئۆتكۈزمەي بۇسۇغاڭغا بارغاننى ،
سەندە كۆردۈم مۇنچىغا ماشىنىنى سالغاننى ،
ئانچە-مۇنچە سۇ پۈركۈپ تالاي پۇلنى ئالغاننى ،
ئېيتىقان بولسام ئۆلەيمەنبۇ توغرىدا يالغاننى ،
دەرد-ئەلەمگە شۇ سەۋەب تۇلۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .


 

ئىككى مىنۇت سۇچېچىپ تۆت شىلانكا تۆت ياقتىن ،
بولدى قىلىدى يۇيۇشنى سۇ ئاققىچە تۆت چاقتىن ،
دېرىزىلەر توسالدى ئېقىپ چۈشكەن پاتقاقتىن ،
دەسماللانماي شۇ پېتى چىقىپ كەتتۇق قاپقاقتىن ،
ماشىنامنى مەن شۇنداق يۇيۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .


 

مەدەنىيەت،تازلىق....ئاڭلىماققا ئوبدان گەپ ،
ئۇمۇ لېكىن بەرمەيدۇ ئوبدان قىلماي ئوبدان نەپ ،
ياساپ بولماي يولۇڭنى يولوچىنى يۇنۇپ يەپ ،
ھايان قىلساڭ ماختايدۇ كىممۇ سېنى ياخشى دەپ ،
ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق كۆنۈپ قايتتىم ئۈرۈمچى .


 

يولغا چىقىپ مۇنچاڭدىن قاقشاپ ماڭدۇق شۇڭلاشقا ،
توپا-چاڭدا گۆركارغا ئوخشاپ ماڭدۇق شۇڭلاشقا ،
بەش قەدەمدە يول يامان توختاپ ماڭدۇق شۇڭلاشقا ،
ماشىنىنى نەچچە رەت ئوڭشاپ ماڭدۇق شۇڭلاشقا ،
ئۆز-ئۆزۈمنى پىچاقسىز سويۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .


 

مېھمانخاناڭ جىق ئىكەن كىرىپ باردىم بىرىگە ،
بوغچام بىلەن خالتىنى ئارتىپ ئىككى مۈرەمگە ،
مۇلازىملار ھومايدى يۇلۇققاندەك بۆرىگە ،
ھومايغانچە مەن دۆتمۇ چىقىپتىمەن تۆرىگە ،
سىلكىۋىدى ئىزاغا ئۆلۈپ قايتتىم ئۈرۈمچى .


 

كۈتكۈچىلەر بىر ئاددىي خادىم ئەمەس خان ئىكەن ،
زاكۇنلىشىپ يەڭمەك تەس خۇددى ئۇششۇق -قان ئىكەن ،
بىزدەكلەرگە چىرايى خۇددى قاتتىق نان ئىكەن ،
چەت ئەللىككە ئەركىلەش ئەمما شەرەپ-شان ئىكەن ،
شۇڭا سەندە تۆت كۈنلا تۇرۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .


 

ھەر دوقمۇشتا جەرىمانەڭ ئۆتۈپ كەتتى جېنىمىدىن ،
قۇربان بولدى ئون كوي پۇل ھەر سائەتتە يېنىمىدىن ،
كەتكەن پۇلۇم كۆپ بولدى سەندە يېگەن نېنىمدىن ،
-پۇل مۇھىمكەن داۋلىدىن-دېسەم ئالدى گېلىمدىن ،
مەن سېنىڭىدە ئاكامىنى تۇنۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .


 

سۈزۈك ئىكەن سېنىڭدە سودىگەرنىڭ چىرايى ،
بىلىم ئەمەس كىيىمكەن ئاياللارنىڭ خىيالى ،
بەزىبىلەر نەپ ئۈچۈن بۇلۇپ قاپتۇ سەۋدايى ،
نەپسىز گەپنى ئاڭلىسا ئۆچىدىكەن چىرايى ،
جىق گىپىمىنى دېيەلمەي قۇيۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى .


 

ئىش پۈتكۈزمەك تەس ئىكەن سەندە سوۋغات پارىسىز ،
سوۋغات ئالماي بارغانلار قايتار ئىكەن چارىسىز ،
دېدى بىرى:قۇرۇق قول مېڭىپ بېكار ھارىسىز ،
سېنى قاچان كۆرەرمەن جارائەتسىز-يارىسىز ،
سېغىنغانغا مەن سېنى تويۇپ قايتتىم ئۈرۈمچى  ...
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776