ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئىز (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)


ئىز


 

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


 

ياش ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.


 

ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.


 

قالدى ئىز چۆللەر ئارا،گاﻫى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز.


 

قەبرىسىز قالدى دېمەڭ،يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل - چېچەككە پۈركىنۇر تاڭنا باﻫاردا قەبرىمىز.


 

قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ﻫەممىسى،
چىقسا بوران،كۆچسە قۇملار ﻫەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.


 

توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ﻫېچ بولمىسا،بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يا ئەۋرىمىز.


 

 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776