سېغىنغاندا كېلەلمىسەڭمۇ
مۇھەممەتجان راشىدىن
ئۇچۇرۇڭنى بېرىپ تۇر يايرىم ،
سېغىنغاندا كېلەلمىسەڭمۇ.
سۆيدۈم دەپ يۈر سورىغانلارغا ،
كۈندە كېلىپ سۆيەلمىسەڭمۇ .
ھىجرانى بار سۆيگۈ دىگەننىڭ ،
ئازابىغا كۆنەلمىسەڭمۇ .
بىر ئوت دەپ يۈر ،سەنمۇ ئۆزەڭنى ،
گەرچە مەندەك كۆيەلمىسەڭمۇ .
ئەتەڭ تامام ۋىسالدۇر ،گەرچە ،
بۈگۈن ئويناپ كۈلەلمىسەڭمۇ .
بۇ سۆيگۈدە غەم قىلما مەندىن ،
چۈشلىرىڭدە كۆرەلمىسەڭمۇ .
دوستلىرىڭدىن پەخەس بولۇپ يۈر ،
كىملەر دۈشمەن ؟ بىلەلمىسەڭمۇ .
قايدا بولساڭ ئامان بول يايرىم ،
سېغىنغاندا كېلەلمىسەڭمۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776