شەھەرلىكلەر سەھرالارغا بېرىپ كىلىڭلار
مۇھەممەتجان راشىدىن
شەھەرلىكلەر سەھرالارغا بېرىپ كىلىڭلار ،
ئىتىزلارنى كۆرمىگەنلەر كۆرۆپ كىلىڭلار .
سىلەرنىڭمۇ ئەجدادىڭلار دىھقاندۇر بەلكىم ،
سەھرالاردىن تەھتىڭلارنى بىلىپ كىلىڭلار .
شەھەر-ھايات چىنارىنىڭ ئەڭ ئىگىز شىخى ،
شاختىن چۈشۈپ پەستىن ئۇچۇر ئىلىپ كىلىڭلار .
بىللە بارسۇننان ئىلغىغان بالىلىرىڭلار ،
ئىڭىزلاردىن كۈزدە باشاق تېىرپكىلىڭلار .
چىشىڭلارغا دورا بەلكىم دىھقاننىڭ نىنىنى ،
ئۆيلىرىدە قورونماستىن قونوپ كىلىڭلار .
سەھرا كۆرمەي شەھەرلىكلەر شۈكۈرلۈك بولماس ،
ھەر يىللىقى ھەپتە -ئون كۈن تۇرۇپ كىلىڭلار .
يىڭى باشتىن ئەسكە چۈشكەي ئۇنتۇلغان دىيار ،
سەھرالارنى دىلغا دەستۇر قىلىپ كىلىڭلار .
ئاختامىلار يادىڭلاردىن چىققاندۇر بەلكىم ،
بىنەملەردە تۆت-بەش زامان تۇرۇپ كىلىڭلار .
ئەپسۇس ئۇندا ئىگىز بىنا -رىستۇرانلار يوق ،
پاكار-پاكر كەپىلەرگە كۆنۆپ كىلىڭلار .
سىلەر يىگەن ئاق نان ئەسلى تونوردا پىشقان ،
سىلەرمۇ شۇ تۇمۇزلاردا كۈيۈپ كىلىڭلار .
ئاندا-ساندا روناق تاپقان بايلىرىمۇ بار ،
ئۇلارغىمۇ ئەزىز مىھمان بولوپ كىلىڭلار .
كۆرۆپ كىلىڭ : نامىرات دىگەن قانداق بولىدۇ ؟
بۇ بىلىم شۇ بىلىمگە بىيىپ كىلىڭلار .
قولوڭلارغا تەلمۈرىدۇ قۇلۇم -قوشناڭلار ،
خالتاڭلارغا بىرەر زاغرا سىلىپ كىلىڭلار .
ھەشەمەتلىك شەھەرلەردە شەيتاندىن يۇققان،
قەلبىڭلارنىڭ كىرلىرىنى يۇيۇپ كىلىڭلار .
ئىگىز شاختا پەيدا بولغان كىبىرنى -كىرنى ،
پايانى يوق دالالارغا قويوپ كىلىڭلار .
شەھەرلەردە ئۇنتۇلمىسۇن ئەسلى زاتىڭلار ،
دىھقان دىگەن كىم بولىدۇ تونۇپ كىلىڭلار .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776