يىللارغا جاۋاب
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.
ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر - بىرنى قوغلىشىپ يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيىلىدۇ پولىشىپ.
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يوپۇرماق.
يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمىلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە بولىدۇ قاخشال ...
يىللار سېخى، قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بىرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.
بىراق، يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى ...
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.
يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراپ باق، ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە ... بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.
كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.
مەيلى ، ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم ، شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قىچىپ ئۆتكەن ﻫەر يىل بوينىدا.
قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش ، كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا ،
چىدام - غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ﻫەردەم يادىمدا .
ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا ،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا .
كۈرەش باياۋىنىدا ﻫارماسمەن ئەسلا ،
يېڭىش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا .
يىللار ، مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە ،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى .
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە ،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى .
يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ ،
ئوپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ .
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقۇتۇپ باقساڭمۇ ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ ، دەپ بېرىمىز جاۋاب.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776